ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«ئىسلامىي»، «ئىسلامچى» ئاتالغۇلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا كىرىشتىن ئىلگىرى «ئىسلام» ۋە «مۇسۇلمان» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئېنىقلىمىلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتۈشنى مۇھىم، دەپ قارايمەن.
ئا.قارلۇقىي

«ئىسلامىي»، «ئىسلامچى» ئاتالغۇلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا كىرىشتىن ئىلگىرى «ئىسلام» ۋە «مۇسۇلمان» ئاتالغۇلىرىنىڭ ئېنىقلىمىلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتۈشنى مۇھىم، دەپ قارايمەن.

ئەرەبچىدىكى «ئىسلام» سۆزىنىڭ لوغەت مەنىسى ئاللاھقا «ئۆزىنى تاپشۇرۇش» ۋەياكى ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى «ئادا قىلىش» ئوقۇملىرىنى بېرىدۇ. «ئىسلام» نىڭ ئىستېمال مەنىسىگە كەلسەك، ئىسلام دىنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ ساھەدە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ «ئىسلام» ئاتالغۇسىغا بەرگەن ئېنىقلىمىلىرىنىڭ تارىخى جەريانلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ «بىر خىل مەزمۇن، ھەر خىل ئىپادە» دائىرىسدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىسلام ئالىمى، دەۋەت مېتودولوگىيىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇلكەرىم زەيدان «دەۋەت مېتودى» ناملىق ئەسىرىدە ئىسلامغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ:

«ئىسلام- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدىن ئېلىپ كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان، ئىنساننىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە ھايات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن ۋە ئومۇمىي تۈزۈمدىن ئىبارەتتۇر.»  [1]  

بۇ تەرىپ چىقىش قىلىنغاندا، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ «ئىسلامچى» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھالبۇكى، «ئىسلام» غا دەرھال قارىماققا پەقەت دىنى تۈسلا بېرىدىغان ئېنىقلىمىلارمۇ بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىمۇ خاتا دېيىش ئىمكانسىز. مەسىلەن: دۇنيا ئىسلام ياشلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تۈزۇلۈپ، نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان دىن، مەزھەپ ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسىكلوپېدىيىسى» دە ئىسلامغا بىر قەدەر ئەتراپلىق قىلىپ، مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلىدۇ: «ئىسلام- بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاللاھ تائالا رازى بولغان ساماۋىي دىن. ئۇ دىن ئۈچۈن ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسى قىلىپ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ تائالانى ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە، ئىلاھلىقى ۋە رەببانىيلىقىدا خالىس بىر دەپ تونۇش، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازىلىق ۋە ئىختىيارلىق بىلەن تەن بېرىش، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، توسقانلىرىدىن يېنىش، ئەقىدىدىكى ئىخلاسى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگۈلىگەن چەك- چىگراسىنى تۇرغۇزۇش، گۈزەل ئەخلاقلاردا چىڭ تۇرۇش، ئىبادەتلەردە ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇلار، ئىسلامنىڭ بەش، ئىماننىڭ ئالتە ئەركانىغا ئەمەل قىلىش، ئېھساننىڭ نېگىزىنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.»  [2]  

بۇ ئىزاھنى ئەستايىدىل كۈزەتكىنىمىزدە، «مۇسۇلمان» نىڭ «ئىسلام» نىڭ ئېنىقلىمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەلگۈلىمىلەرنى ئىجرا قىلغۇچى كىشىگە قارىتىلىدىغانلىقى مانا مەن، دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مۇسۇلمان سۆزى يەنە «تىنچلىق سۆيەر» مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ.

ئەمدى بىز تېمىمىزنىڭ ئاساسى نوقتىسىغا كېلەيلى:

«ئىسلامىي»، «ئىسلامچى» ئاتالغۇلىرىنىڭ مەلۇمات قامۇسىمىزغا قاچانلاردىن باشلاپ كىرگەنلىكى ھەققىدە ئىنىق مەلۇماتىم يوق. ئەمما، بۇ خىل ئاتالغۇلار مەيلى «قۇرئان كەرىم» ياكى «ھەدىس شەرىپ»لەردە بولسۇن، قەتئىي ئۇچىرىمايدۇ. ئىسلام تارىخىدا يېزىلغان ئەسەرلەر كاتولىگىنى ئاختۇرغىنىمىزدا بۇ ئاتالغۇ، ھىجىرىيە تۆتىنچى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئەبۇلھەسەن ئەلئەشئەرىي ۋە ئەبۇلقاسىم بەلخىي قاتارلىق ئىككى يازغۇچىنىڭ «ئىسلامچىلارنىڭ ماقالىلىرى» ناملىق ئوخشاش تېمىدىكى پەرقلىق ئىككى كىتابنىڭ ماۋزۇسىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىمام شافىئىينىڭمۇ بۇ ئاتالغۇنى ئىستېمال قىلغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار.

كۆپىنچە كىشىلەر «ئىسلامىي» ياكى «ئىسلامچى» ئاتالغۇلىرىنىڭ يېقىنقى زامان ئىسلام ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دەرۋەقە، 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 18-باشلىرىغا كەلگەندە «ئىسلامىي» (İslsmist  ) ئاتالغۇسى بېرىتانىكا (بېرىتانىيە مائارىپ قامۇسى) دا ئىسلام ئەللىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى شەرقشۇناشلارغا قارىتا ئستىمال قىلىنىش شەكلى بىلەن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسپانىيىدىن ماراكەشكە كىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەھۇدىي مۇسۇلمانلارنى يەرلىك مۇسۇلمانلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ «ئىسلامچى» ئىبارىسى قوللىنىلغان.  [3]     

شۇ نەرسە ئىنتايىن ئېنىقكى، ئىسلام تارىخىدىكى شافىئىي، ئەشئەرىي ۋە بەلخىيلارنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىغان «ئىسلامچى» ياكى «ئىسلامىي» ئىبارىسى بىلەن زامانىمىزدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان «ئىسلامچى» ياكى «ئىسلامىي» ئىبارىلىرىنىڭ ئارىسىدا مەلۇم پەرقلەر بار. بۇرۇنقىلار، بۇ ئاتالغۇنى ئىسلامغا مەنسۇپ كىشىلەرگە يەنى ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا قارىتا قوللانغان بولسا، دەۋرىمىزدە بۇ ئاتالغۇ «مۇسۇلمان ۋە ئارتۇق» ئوقۇمىدا قوللىنىلماقتا. يەنى، مۇسۇلمان، ئەمما مۇئەييەن نوقتىلارغا كەلگەندە ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشىمايدىغان مۇسۇلمان. بۇ قاراشنى مىسال ئارقىلىق تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇمكىن: مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغان كىشىلەر دەۋرىمىزنىڭ تىلى بويىچە «ئىسلامچى» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇ ئاتالغۇنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلەر ئۆزلىرىنى ئىسلامچى ئەمەس، ئىسلام كۆرسەتكەن دائىرىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۈرەش قىلغان بىر ئاددى مۇسۇلمان، دەپ قارىسىمۇ، كۆپىنچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ «ئسىلامچى» ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا يولغا قويۇلغان سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلمىغانلارغا قارىتىپ «ئىسلامچى» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلگەندە، دەرھال ئۆزىنىڭ «ئىسلامچى» ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىشىمۇ يۇقىرىقى قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.

بۇلاردىن سىرت، «ئىسلامىي پىكىر»، «ئىسلامىي ئىدىيە»، «ئىسلامىي نەزىرىيە» قاتارلىق بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى ئىستېمال قىلىش مەرھۇم ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىنگە ئوخشىغان بىر قىسىم ئسىلام ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن ”ئىسلامنىڭ پىكىر، ئىدىيە ياكى نەزىرىيە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان دىن“ ئىكەنلكى سەۋەپلىك رەت قىلىنسىمۇ، يەنىلا بۈگۈنكى دەۋر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بۇلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ خىل ئىستېماللارنى توغرا چۈشىنىش لازىم. چۈنكى بۇ خىل ئاتالغۇنى قوللانغان كىشىلەر ئۇنى بىر دىن سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى، ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ دىننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، قاراش ۋە نەزىرىيىلىرىدىن ئىبارەت، دەپ بىلىش كېرەك.

«ئسلامچى» ئاتالغۇسىغا بۇ ساھەنىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى قانداق ئېنىقلىما بېرىدۇ؟

گىرمانىيىلىك پروفېسسور جودرۇن كرايمر «ئىسلامچى» لار ئاتالغۇسىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:   »ئىسلامچىلار- ئىسلامغا دىن ۋە دۆلەت، دەپ ئىشىنىدىغان، بارلىق ساھەلەر بويىچە ئىنسانىيەت ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان ئادەت ۋە قىممەت قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تۈزۈم، دەپ قارايدىغان، شەرىئەتنى بۇ قاراشنى بەلگۈلەيدىغان ھۇل تاش ھېسابلايدىغان كىشىلەر بولۇپ، ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشتۇر. « كرايمر يۇقىرىدىكى ئېنىقلىمىسىغا ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ دۆلەتنى قۇرۇش زۇراۋانلىق يولى ئارقىلىقمۇ، قايىل قىلىش ۋە گۈزەل ئۆلگە بولۇش ئارقىلىقمۇ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن.[4]

يەنە ئامېرىكا رائىد جەمئىيىتى رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدىمۇ «ئىسلامچى» ئاتالغۇسىغا يۇقىرىقى ئېنىقلىمىغا تامامەن دېگۈدەك ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە ئېنىقلىما بېرىلىدۇ: «ئىسلامچىلار- دىنى ھەيئەت بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئايرىۋېتىشنى رەت قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ياكى ھېچ بولمىغاندا شەرىئەتنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.»[5]

فرانسىيىلىك ئىسلام ھەرىكەتلىرى مۇتەخەسسىسى بىرينۇ ئىيتياننىڭ «ئىسلامچى» ئاتالغۇسىغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى تېخىمۇ كونكىرت، تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئىسلامنىڭ بەزى پرىنسىپال نوقتىلىرىغا تېخىمۇ ئويغۇن كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلامچىلار- مۇسۇلمانلاردۇر؛ ئۇلار ئادەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇيغۇن پرىنسىپى، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان نەرسىسىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ئىمان بىلەن قەتئىي شەكىلدە تەستىقلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەمىشە كۈچلۈك ۋە زامانىۋىي مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىشەنچىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىجتىمائىي پىلان بىلەن ياندىشىپ ماڭىدۇ.»[6]

مەشھۇر شەرقشۇناش ماكسىم رودىنسون «ئىسلامچى» ئاتالغۇسىنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلامچىلار- ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا تىرىشىدۇ ياكى دىنى ئەقىدىسىنى تامامەن يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش غايىسى ۋە بارلىق سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى دىن ئاساسىدا ھەل قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويغان كىشىلەردۇر.»[7]

رودىنسوننىڭ «ئىسلامچى» غا بەرگەن ئېنىقلىمىسىنىڭ بېرىنچى بۆلىكى بىرىنچى قەدەمدە ئىلمىيلىكنى ئەمەس، بەلكى، غەربنىڭ يېقىنقى زامان ئىسلام ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان سىياسىي ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

يۇقىرىقى ئېنىقلىمىلارنى خۇلاسىلىگەن ئاساستا «ئىسلامچى» لارنى «دىنىي ھەيئەت بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئايرىۋېتىشنى رەت قىلىدىغان، ئىسلام دۆلىتى، ھېچ بولمىغاندىمۇ شەرىئەتنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەر» دەپ تەرىپلەش مۇمكىن. «ئىسلامچى» نىڭ زامانىمىزدىكى ئۇقۇمىنى ئېتىبارغا ئالغاندا، ھەممە ئىسلامچى مۇسۇلمان، ھەممە مۇسۇلمان ئىسلامچى ئەمەس، ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنە شۇنىمۇ خۇلاسىلەش مۇمكىنكى، «ئىسلامچى» ئىسلاھاتچى بولۇشىمۇ، يازغۇچى، مۇتەپەككۇر بولۇشىمۇ، سىياسەتچى، ئىقتىسادچى بولۇشىمۇ، ئىسلام ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ جىھاد قىلىدىغان مۇجاھىد بولۇشىمۇ مۇمكىن.

11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، «ئىسلامچى = تېررورچى» ئۇقۇمى مەيدانغا كەلدى ۋە ھەر ئىككى ئۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئىزاھلىنىشىغا بەلگۈلۈك تەسىر كۆرسەتتى. «ئىسلامچى» ئاتالغۇسىنىڭ يېڭى چۈشەنچىسى ئۇمۇمەن شەرق ئەللىرىگە، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىغا بىر قەدەر يېڭى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاتالغۇ ئىسلام تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن لوپا ئەينەك ئاستىغا ئېلىنمىدى، نەتىجىدە ساپ- ساغلام تەرىپتىن ئۇزاق قالدى. غەرب دۇنياسى خالىسا ئىسلامغا ئۇيغۇن، خالىسا تېررور بىلەن پاراللىل ھالدا تەرىپلەپ كەلدى. «ئىسلامچى» لار رادىكال ئىسلامچى ۋەياكى ئەسلىيەتچى، نورمال ئىسلامچى… ۋاھاكازالار بويىچە نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىلدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنى ئالدىمىزدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزدە ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئاللاھ خالىسا.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ