ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«Interpol» نىڭ خىتاي باشلىقى يوقاپ كەتتى

«Interpol» نىڭ خىتاي باشلىقى يوقاپ كەتتى
5- دۇنيا بۈلتەنى تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ خىتاي باشلىقى خوڭۋېي مېڭنىڭ يوقان كەتكەنىكى بىلدۈرۈلگەن
خەۋەردە، 2016- يىلى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان خىتاي پۇقراسى خۇڭۋىي مىڭنىڭ ڧرانسىيەدىن خىتايغا كەتكەن كۈنىدىن باشلاپ يوقاپ كەتكەنلىكى، 29- سىنتەبىردىن بويان ھېچقانداق ئۇچۇرى يوقلۇقى ۋە بۇ ھەقتە جىددى تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
خەۋەردە يەنە، «Europe 1» قانىلىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە، مەركىزىي ئىشخانىسى فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» نىڭ باشلىقى مېڭنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى، مېڭنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 29 – ئىيۇلدا فىرانسىيەدىن ئايرىلغانلىقى، شۇ كۈندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق ئۇچۇر يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ھەقتە فىرانسىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى ۋە ساقچىلارغا يولدىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خوڭكوڭ ئاخبارات ئورگىنى«  يۇلتۇز ئاراللار كۈندىلىك گېزىتى » نىڭ 6- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشچە، مىڭ خۇڭۋى ڧرانسىيىدىن قايتىپ بېيجىڭ ئايروپورتىغا چۈشكەندىن كېين خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. ئېگېلىنىشچە مىڭ خۇڭۋى پاراخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ خوڭكوڭدىن ئۆي سېتىۋالغانلىقى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ