ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلىمالار يېغىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-09-21 15:40:55 جەمئى 10469 قېتىم ئوقۇلغان.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلىمالار يېغىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقى

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلىمالار يېغىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقى

مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددىئايىمنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى. ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم. ئەپۇ قىلىشسا! ھالا بۈگۈن ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىڭىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇرۇن كەلدىم. مۇددىئا نېمە؟ دەپ سورالسا، شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي- زىياپەتلەر ئىچىدە مەست- مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن! چۈنكى مەست- مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر، ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر. خەلق نادانلىق، جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە. ھەممە ئىش كونا قېلىپ، كونا ئىزغا چۈشۈپ، يېڭىلىققا يول بەرمەي، ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا. ۋاقتىمىز، دەۋرىمىز، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. بۇ مىللى خارابەت، مىللى مۇنقەرزلىكتىن بىشارەت بېرىدىغان خەۋپلىك ھادىسە. ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن! بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى- مۇدەررىسلىرىمىز، داموللىلىرىمىز، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما، قۇلىقىنى گاس قىلىپ قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن! شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى يېيىش، خەلقنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ، بەخت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ داستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.
ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق، بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا «بىز زادى نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق» دېگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن! بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشى كېرەك!... بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چېكىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلىرىمىز، نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. خۇداغا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارىشا بىرىمىز قازى، بىرىمىز داموللا، بىرىمىز مۇدەررىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ، يۇرت- خەلقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق. ئەپسۇسكى، بىز بۇ ئىززەت- ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولۇۋېلىپلا ئەسلىدىكى مەقسەت- مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ، نوقۇل ھالدا ھۇزۇر- ھالاۋەت، راھەت- پاراغەتكە بېرىلىپ، مەست-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق. يۇرت بولسا نادانلىق، جاھالەتتە، خەلقىمىز خار- زەبۇنلۇقتا قالدى. يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق. يۇرت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى قىلىش، يۇرتنى تەرەققىياتقا، خەلقنى ئىلىم- مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق. تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق. بىز نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟ نېمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ، ئۆز خاتالىقىڭىزنى تۈزەتمەيمىز! بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق، چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟... نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك، مەدرىسىلەردىكى ئەۋقاپقا، مۆھۈر ھەققىگە، نەزىر- چىراقتىكى سەدىقە- ئېھسانغا، ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ، تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكۈۋالغانلىقىغا، ۋەتەن، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ داد-پەريادى، نالە- پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي، كۆز يۇمۇپ گاس- ئەما بولۇۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ! قېنى، نېمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ ھازىرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ، قېنى؟... بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ، تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىزنىڭ ئەزىز بالىلىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ، ئاچ- يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا. بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ، توقلۇقتا كارىلداپ يۈرىمىز. ئۇنىڭ ھېسابىغا كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە. ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ ياق، ھېچنىمە قىلمىدۇق. بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق. شۇ سەۋەپتىن يېتىم- يېسىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا. نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟ مەكتەپلەر ئېچىپ، دارىلئېتام- دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ، كوچىدا ئاچ- يالىڭاچ، خارۇ- زارلىقتا قالغان بالىلارنى، ئاجىز- مىسكىنلەرنى نېمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلاپ غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نېمە يامىنى؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەلقنى بەخت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسىي تاپاۋەت يولىغا ماڭساق، قولغا كىرگەن تىللا- تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق، ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ...!
ئەپسۇسكى، بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋروپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا. ئىنگىلىز- شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە، ئايىماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز. ھە دىسە دەررە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز، ئەل رايىنى چېكىندۈرمەكتىمىز. بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ ھېلىمۇ كەچ ئەمەس، پۇرسەت بار، ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ لەنەت- نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!...
ئىنگىلىز- شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس، مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار جاھانگىر، تاجاۋۇزچى. ئۇلار ئوغرى، بۇلاڭچى. باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن، ئاستا- ئاستا پېيىمىزنى قىرقىپ، بايلىقىمىزنى ئوغرىلايدىغان، گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ، بىزنى داق بورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر. بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت! ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ، ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرۈۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر. ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر. ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر...
قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! بىز ئەزەلدىن قابىل، باتۇر خەلق ئىدۇق. تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چېدىر- بارىگاھ تىكىپ، سەلتەنەتلىك ئوردا- تەختلەرنى قۇرۇپ دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى بىزگە جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى، شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا، خار- زەبۇنلۇققا يۈزلەندۇق .ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.
قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! ئويلاپ كۆرەيلى، مۇلاھزە قىلايلى! ھازرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس، غەپلەت ئۇيقۇسىدن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ، ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا، ۋەتەن، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز!!!...

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ