ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئالتە مىك كىشىلىك ھېيتلىق پائالىيىتىگە تەكىلىپ

6000 كىشىلىك ھېيتلىق پائالىيىتىگە تەكىلىپ

تۇغقان ۋە قان- قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان، ئاتا- ئانىلار بالىلاردىن، بالىلار ئاتا- ئانىلاردىن ئايرىلغان پەيىتتە كەلگەن مۇبارەك روزا ھېيت مەزگىلىدىكى كۆڭۈل غەشلىكىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇش، ھىجرەت زېمىنىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بىر داستىخانغا يېغىپ ئوز- ئارا ئىمانلىشىش، پىكىرلىشىش پۇرستنى يارتىش شۇنداقلا مۇجادىلە يولىمىزدىكى بىرلىكىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋاسستە بولسۇن ئۈچۈن، ياۋرۇ- ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدراتسىيىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن كەڭ- كۆلەملىك (6000 كىشىلىك) شەرقىي تۈركىستانلىقلار روزا ھېيت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق.
ھېيتلاش پائالىيىتىگە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ۋە ئۇندىن باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى، تۈرك دۇنياسى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ.
پائالىيەتكە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئائىلسى ۋە بالىلىرى بىلەن كىلىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز.
پائالىيەت ھېيتنىڭ بىرنىچى كۈنى 2018-يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى( جۈمە كۈنى) چۈشتىن كېين سائەت 05 تە باشلىندۇ.
پائالىيەت ئورنى: يېنى كاپى پائالىيەت ئالانى« چوڭ ئاق چېدىر»
Yeni Kapı Faaliyet Alanı, Avrasya Gösteri ve Sanat merkezi.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ