ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاللاھ نېمە ئۈچۈن مۆمىنلەرگە ياردەم قىلمايدۇ؟

 

نېمە ئۈچۈن ئاللاھ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلمايدۇ؟  نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلساقمۇ ئىلتىجالىرىمىز ئاللاھقا يەتمەيدۇ؟ مۇسۇلماننىڭ قېنى كەئبىدىن ئۇلۇغ ۋە ھۆرمەتلىك ئەمەسمۇ؟  نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار نەچچە يۈزلەپ، نەچچە مىڭلاپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئازابلىنىدۇ، يۇرتلىرىدىن قوغلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاللاھ قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلمايدۇ؟  ئاللاھ تەئەلا زالىملارنى ھالاك قىلىپ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خار قىلىدىغانغا ۋەدە ۋە كاپالەت بەرمىدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن كافىرلار دۇنيانىڭ نازۇ-نىئمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زۇلمى  ۋە تاجاۋۇزلىرى شۇنچە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ؟ ئاللاھ ئادىل ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ ئۆزىنى مەرھەمەت ئىگىسى دېمىدىمۇ؟!  ئاللاھ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ زۇلمىدا، غەزەپكە قېلىشىغا رازى بولامدۇ؟ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى مۇسۇلمانلار بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇم ۋە رەجىملار ئېغىرلىشىپ ھەتتا بالىلار ۋە قورساقتىكى تۈرەلمىلەرگىمۇ رەھىم قىلىنمايۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز يۇ ياردەم قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۆمىنلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، يۇرتلىرىدىن قوغلىنىشى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ئۇلار شەك بىلەن جەزمىيەت ئىچىدە ئىككىلىنىپ يۈرىدۇ؟

بىز يۇقىرىقى سۇئاللىرىمىزنى«دۇنيا ئۆلىمالار ئىتتىپاقى»نىڭ باش كاتىپى دوكتور يۈسۈپ ئەلى قەرداغىينىڭ ئالدىغا قويدۇق. سۇئاللىرىمىزغا تۈۋەنىكىدەك تەپسىلىي جاۋاپ بەردى.

 جاۋاپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ! بۇ سۇئال ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك سۇئال بولدى، بىراق مەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنى ھازىرقى ھالەتلىرى ۋە كەلگۈسىدە بېسىپ ئۆتىدىغان ئېغىر كۈلپەتلىك ھالەتلەردىمۇ توغرا ئېتىقادتا، توغرا مەيداندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئۈندەيمەن، شۇنداقلا جاۋابىمنى مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئىككى قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:

بىرىنچى بىز بىلىۋىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم قائىدە بولسا: «ئالەم» ئۇقۇمى مەسلىسى بولۇپ، ئىسلام پرىنسىپىدا ئالەم پەقەت ماددى دۇنيالا ئەمەس، بەلىكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادالەت، جازا، ئەجىر ۋە ئازاب، بەخت ۋە بەخىتسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىن ئىبارەت كەڭ دائىرە ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئادالىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەمىللەشتۈرۈپ بېرىدىغان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئازابىنىڭ قاتتىق ياكى يېنىك بولۇشى، شۇنىڭدەك مۇكاپىتىنىڭمۇ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ئىنسانلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن بولىدۇ. مۇئمىنلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ.

 ئىككىنچى قائىدە بولسا: ئاللاھ ئالەمنى غەزەپ ۋە ئالدىراڭغۇلۇق ئۈچۈن ياراتمىدى، بەلكى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنى قانۇنىيەت (سۇننەتۇللاھ) بىلەن ياراتتى. مانا بۇ قانۇنىيەت بىلەن ئاللاھ تەئەلا ئۆزىگە تەسلىم بولغان، ئىيمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى شۇنداقلا كافىرلارنى خالىسۇن خالىمىسۇن باشقۇرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرىدۇ. ئۇمۇمەن ئىنسانلار يۇقارقى قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ. ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ قويغان مەغلۇبىيەت قانۇنىيىتى، غەلبە قانۇنىيىتى، مۇستەھكەم قىلىش قانۇنىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن قانۇنىيەتلەر بار بۇلۇپ، ئاللاھ ئەنەشۇ قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق بىز مۇسۇلمانلارنى ۋە كافىرلارنى باشقۇرىدۇ. ئەگەر ئىمانى كۈچلۈك بىر مۇسۇلمان قورالسىز، تەييارلىقسىز جەڭگە كىرسە مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل قانۇنىيەتنى بىلىۋېلىش كېرەك. بۇ يەردە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تىگىشلىك مەسىلە ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ ياكى غەلبىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئۈچ خىل شەرتى بار بولۇپ، بۇ شەرتلەرنى مۇئمىنلەر چوقۇم ھازىرلىشى كېرەك.

بىرىنچى: ھەر بىر مۇئمىندە ئەقىدە جەھەتتە ئىخلاس بولۇشى كېرەك.

 ئىككىنچى ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق قانۇنىيەتكە (سۈننەتۇللاھقا) ئۇيغۇن ھالدا مەنىۋىي كۈچ، ماددىي كۈچ-قۇۋۋەت جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشى لازىم.

 ئۈچىنچى بىرلىك، ئىتتىپاقلىقتىن شەكىللەنگەن كۈچنى ھازىرلىشى كېرەك. بۇلارغا يەنە بىر شەرتنى قوشۇپ قويىمەن. ئۇ بولسىمۇ مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە پىتنە بولمىغان، گۇناھ- مەئسىيەت بولمىغان، يامانلىقلاردىن يىراق تۇرىدىغان ، ئۇممەتلەرنىڭ ياخشىلاردىن بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: قېرىنداشلىرىمنىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتەي، ئاللاھ سۈرە «فەجىر»دە يۇقارقى مۇئمىنلەر ھازىرلاشقا تىگىشلىك نۇسرەتنىڭ ئۈچ خىل ئاساسى شەرتى مەسلىسىگە ئىنسانلارنىڭ تاقەت مادارى ۋە ئالەم قانۇنىيتىغا نىسبەتەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېنىق جاۋاپ بىرىدۇر. بۇنىڭ بىرى كىچىدە تاڭنىڭ ئېتىشى بۇلۇپ، ئاللاھ بۇ ئارقىلىق ئىككى نەرسىگە ئىشارەت بەرگەن. ئومۇمەن تاڭ قاتتىق قاراڭغۇلۇقتىن كىيىن ئاتىدۇ. شۇنىڭدەك ياردەم، ھەق ۋە تەمكىنلىكمۇ ئېغىر زۇلۇم ۋە ھەددىدىن ئېشىشلاردىن كىيىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. بىراق تاڭنىڭ ئېتىشى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا دائىم بىرلا ۋاقىتتا بولمايدۇ. تاڭنىڭ ئېتىشى بەزى دۆلەتلەردە بىر سائەت ئىلگىرى، بەزى دەۋلەتلەردە بىر قانچە سائەت كىيىن بولىدۇ. بۇنداق تاڭنىڭ ئېتىشنىڭ ئىلگىرى- كىيىن بولۇشى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانۇنىيىتى (سۇننەتۇللاھ) بۇيىچە بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى، بەخىتلىك بولۇشمۇ ئاللاھ تۈزۈپ قويغان شەرتلەرگە باغلانغان ھالدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

 ئاللاھ تەئەلا بۇ ئايىتى كىرىمىدە<< پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ۋە كۈچلۈك ئېرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (7)بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى.(8) شۇنىڭدەك ۋادى قورولاردا تاشلارنى كېسىپ (ئۇ يەرلەرنى بىنا قىلغان )سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى(9) شۇنىڭدەك قورۇقلار ئىگىسى پىرئەۋۋىننى قانداق جازالىدى ؟ (10) ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىن ئاشقان ئىدى(11).پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قلدى(12). پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنى (ئەلبەتتە)كۆزىتىپ تۇرغۇرچىدۇر(13)>>

يۇقىرىقى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئاد ۋە سەمۇد قەۋىملىرىنى ئاللاھقا ئاسىي بولغان ھامان دەرھال ھالاك قىلمىغان. ئۇلارغا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھەقنى چۈشەندۈرسىمۇ ھەددىدىن ئاشقاندىن كىيىن ھالاك قىلغان. مەسلىنىڭ نەتىجىسى شۇنىڭدىن كىيىن چىققانكى، ئاللاھ ئۇلارنى ئۇزاق مەزگىل كۆزەتكەندىن كىيىن، ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىش شەرتىگە بېرىپ قالغاندىن كىيىن ھالاك قىلغان. ئىنسان ئالەمدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى تونۇپ يىتەلىگەندە، ھەتتا تارىختا ئاللاھ ھالاك قىلغان زالىملارنىڭ ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ يىتەلىگەندىلا ئاندىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئالدىنقى ئەسىردىكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ، شۇ قەدەر دەۋر سۈرگەن سادامنىڭ ھالاك بولىشىنى كىم ئويلاپ يېتەلىگەن؟ شۇنىڭدەك مىسىردىكى مۇبارەك ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىلىشىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىگەن؟ ئاللاھ ھەممە ئىشنى ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ۋە ئىنسانلارغا توختىتىپ قويغان قانۇنىيەتلىرى بار بولۇپ، ھەممە ئىش ئەنە شۇ قانۇنىيەتلەر بۇيىچە داۋاملىشىدۇ.

 ئاللاھ بۇ ئايىتى كىرىمىنىڭ ئاخىردا << ئې ئارام تاپقۇچى جان>> دەپ خىتاب قىلىدۇ. مۆمىن ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئىشەنچ قىلىشى لازىمكى، ئاللاھنىڭ ياردىمى چوقۇم كېلىدۇ. لېكىن بىز ئالدىرماسلىقىمىز لازىم. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە <<سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن>> دەپ خىتاب قىلىدۇ.

 ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى سۈرىيەدە، مىسىردا ۋە باشقا ئىسلام تۇپراقلىرىدا يۈز بەرگەن زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن سىناق. بۇلاردا بىزگە نىسبەتەن نۇرغۇن دەلىللەر ۋە ئىشارەتلەر، ھېكمەتلەر بار. مەسىلەن مىسىردىكى نۇر جامائىتى، ئۇلار بۇرۇن دۇكتۇر مۇرسىنى مىسىردا ئون نەچچە يىل مۇتىشەددىتلىق قىلدى، دەپ بېسىم ئىشلىتەتتى. ئۇنىڭ بىر ئۆرۈلۈپلا دوكتۇر مۇرسىنى قوللايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى كىم بىلدى ؟ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇرسىنى قوللايدىغان ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قوللىماس بۇلۇپ ئايرىلىپ چىقىشى، بىر قىسم كىشىلەرنىڭ ئايرىلماسلىقىنى كىم بىلسۇن ! ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىمدە <<تەۋرەش>> دېگەن سۆزنى تۆت يەردە زىكرى قىلدى. ئىككى قېتىم قىيامەت كۈنى بولغان ۋاقتىدىكى تەۋرەش<<زىمىن قاتتىق تەۋرىگەندە>> ئىككىجىسى ئىنساننىڭ فىسخىك ھالىتىدىكى تەۋرەش. ئاللاھ بۇ ھەقتە سۈرە بەقەرىنىڭ 214-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:<<سىلەر ئىلگىركىلەر ئۇچرىغان كۇلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئمىنلەر ئېغىرچىلىقلارنى، كۇلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۇچۇتىۋىتىلگەن ئىدى. ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلەر : <<ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان ) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟>> دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر>> قۇرئان كىرىمدە سۆزلەنگەن چۈچۈشلەر مېنىڭچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ ئەينى دىيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى چۈچۈش قىيامەت كۈنىدىكى چۈشۈشكە ئوخشاش. لېكىن بىز قەلبىمىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىمىز كېرەككى ئاللاھنىڭ ياردىمى پات يېقىندا كىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يالغۇزلا پۈتكۈل دۇنياغا <<ئاللاھنىڭ قوشۇنى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، ئاللاھ چوقۇم ماڭا ياردەم بېرىدۇ>> دېگەن سۆزلەرنى جاكارلاپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىرلا ۋاقىتتا ساسانىي ئمپىراتۇرلۇقى بىلەن رۇم ئىمپىراتۇرلۇقىنى مەغلۇپ قىلىشىنى كىم ئويلىغان؟ ھازىرقى ۋاقىتتا بىز ئاللاھنىڭ بىزگە ياردەم بىرشكە ئالدىنقى شەرت قىلغان شەرتلىرىگە قارىشىمىز كېرەك. بىز مۇسۇلمانلاردا ئۇممەتلەرنىڭ ياخشىسى بولۇشتەك ئەخلاقلار بارمۇ؟ يۇرتىدىن قوغلانغان مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى بىر قىسىم غەرب ئەللىرى قوبۇل قىلىۋاتسا بىر قىسىم مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان دەۋلەتلەر قوبول قىلمايۋاتىدۇ. بىز مۇسۇلمانلاردا ئاللاھ تەلەپ قىلغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بارمۇ؟ ئىسلام ئۇممىتىدە كۈچ-قۇۋۋەت بارمۇ؟ ئومۇمەن مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئىش قىلمايۋاتىدۇ. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ ئەمەسمۇ <<كىم ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ>>

ئىنتايىن سەزگۈر بىر ھېكايە بار بولۇپ، ئۇنى قېىنداشلىرىمنىڭ سەمىگە سۇنۇشنى ئويلۇدۇم؛ بىنت ھىلاكو باغداد ئالىملىرىنىڭ بىرىگە:

- ئاللاھ بىزگە ياردەم قىلىدۇ كاپىرلارغا ياردەم قىلمايدۇ، دېگەنتىڭلار. سىلەر دىگەندەك بىز كافىر، ئەمما ئاللاھ بىزگە ياردەم بەردىغۇ؟ دەپتۇ.

 - ئەگەر سىنىڭ بىر پادا قويۇڭ بولسا بىر قويچىغا باقتۇرغان بولساڭ قويلار قويچىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولسا، قويچى يىراقلاپ كەتكەن قوينى قانداق قىلىپ يېغىپ كېلىدۇ؟ دەپتۇ شەيخ.

 - ئەلۋەتتە قويچىنىڭ قويلارنى يېغىپ كېلىش ئادىتى بۇيىچە ئىتنى ئەۋەتىپ يىراقلاپ كەتكەن، ئېزىپ كەتكەن قويلارنى يېغىپ ئەكىلىدۇ-دە دەپتۇ – بىنت ھىلاكو.

 - سىلەر شۇ قويچىدىن يىراقلاپ كەتكەن، ئېزىپ قالغان قوينى يېغىپ كىلىدىغان ئىتنىڭ ئۆزى. ئاللاھ تەئەلا سىلەر ئارقىلىق بىز مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرماقچى ، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىگە قايتۇرماقچى، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ-شەيخ.

 سۇئال:بارلىق مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىمۇ مۆمىن بولۇپ ھېسابلىنامدۇ؟ ئاللاھ نېمە ئۈچۈن مۆمىن بەندىلىرىنى قوغدىمايدۇ؟

جاۋاپ: بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە بېرىدىغان نۇسرەتنى ۋە مۇئمىنلەرنى قوغداش ھەققىدىكى شەرتلىرىنى مۇسۇلمانلار تولۇق ئىجرا قىلدىمۇ يوق، مۆمىنلەرنىڭ ھازىرقى ھالەتلىرى ئاللاھنىڭ نۇسرەت بېرىش ۋە قوغداش شەرتىگە توشامدۇ ياكى توشمامدۇ؟ دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئىماندىن يىراقلىشىپ كەتتى دىيىشكە بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ئالەمنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش قانۇنىيىتىنى چۈشىنەلمىدى، ھەم بۇ قانۇنىيەتتىن يىراقلىشىپ كەتتى. شۇ سەۋەپتىن بىز مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالدۇق. بىز ھازىرقى دۇنيانى ئىدارە قىلىش، دۇنيانى قۇرۇپ چىقىش ساھەسىدە ئارقىدا قالدۇق. ھازىرقى ئوممەتنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇممەت بۇلىشى ئالدىنقىلارغا باغلىنىپ كېلىدۇ. دېمەك ئالدىنقى ئۈممەتنىڭ ياخشى بولۇشى ھازىرقى ئۇممەتنىڭ ياخشى بولۇشىنىڭ ئاساسى بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىم سۈرە ئالىي ئىمراننڭ 110-ئايىتىدە: << ئې مۇھەممەد ئۇممىتى! سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان>>دەيدۇ. بۇ ئايەتتە دېيىلگىنى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلارغا ياخشىلىققا گۇۋاھچى بولۇش ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك بۇلۇش، بۆلۈنمەسلىك دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلاردا بۇ ئايەتتە دېيىلگەن سۈپەت بولغاندىلا ئاندىن ياخشى ئۇممەت بولغىلى بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق بىز ئاللاھ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا مەنھەجدە ئەمەس. 100يىللار بۇرۇن توغرا مەنھەجدە ئىدى. ئىسلام ئۇممىتى ئۇمۇمىي جەھەتتىن توغرا مەنھەجدىن يىراقلىشىپ كەتتى. شۇ سەۋەپتىن ھەر جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ ھازىرقى ھالىتىمىزگە كېلىپ قالدۇق.

 ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىم سۈرە ئالىي ئىمراننىڭ 139- ئايىتىدە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: << (جاھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر>> لېكىن بىز ئاللاھ مۇنۇ ئايىتى كىرىمىدە مەقسەت قىلغان ھەقىقىي مۇئمىنلەرمۇ؟ ئىيمانىمىز ئۆلچەمگە يېتەمدۇ؟ ئەخلاقىمىز ساغلاممۇ؟ ئاللاھنىڭ دىينىغا ئېسىلىشىمىز توغرىمۇ؟ بىرلىكىمىز ھەقىقىي ئاللاھنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇنمۇ؟

 ياق! بىز يۇقىرىقى ئۆلچەملەردە يىتەرلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن سەلەپ ئۈلىمالىرى ۋە باشقا سالىھ كىشىلەردىن نېمە ئۈچۈن دۇئاللىرىمىز ئىجابەت بولمايدۇ؟ دەپ سورالغاندا تۆۋەندىكى بەقەر سۈرىسىنىڭ 186- ئايەت بىلەن جاۋاپ بەرگەن:<<مىنىڭ بەندىلىرىگە سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيىتقىنكى)مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن.( ئۇلارنىڭ ئەھۋالللىرىنى، سورىغانلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن.)ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مىنىڭ دەۋىتىمنى قۇبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىيمان ئېيىتسۇن!( ھەمىشە ئىيمان بىلەن بولسۇن) >> ئاللاھنىڭ بىزنىڭ دۇئالىرىمىزنى ئىجاۋەت قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش، ئىيمانىمىز ھەقىقى بولۇش، ئىسلامنىڭ بارلىق ئەخلاق ۋە ئىبادەتلىرىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ ئەمىللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئالدىنقى شەرەت قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە، بىز ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى ئىجابەت قىلمايۋاتىمىز. بىر قىسىم كىشىلەر ئىسلامنى بىر قىسىم مەسچىت سېلىش، جامائەتتە ناماز ئۇقۇش، زاكات بىرىش قاتارلىق ئەھكاملىرىنى قىلساقلا ھەممە ئىشىمىز تۈگەيدۇ، ھەممە مۈشكىلاتلىرىمىز ھەل بولىدۇ، ياخشىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايمىز، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىبادەتلەرنى قىلىش ياخشى ئىش، لېكىن بۇ ئىبادەتلەرنىڭ ئىنسانغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى تەسىرى بار.  بۇ ئىبادەتلەر بىزگە تەسىر قىلالىدىمۇ؟ ئاللاھ قۇرئان كەرىم سۈرە ئەنكەبوتنىڭ 45- ئايىتىدە << ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسۇيدۇ>> دېگەن. ناماز بىزلەرنى قەبىھ گۇناھلاردىن توسالىدىمۇ؟ دۇنيادا نامراتلار ئىنتايىن كۆپ. گەرچە زاكاتلىرىمىز مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس باشقىلارغىمۇ يېتەرلىك دەپ قارىغان تەقدىردە،  زاكات ئىتتىپاقلىققا ۋاسىتە بۇلاتتى، بىزدىكى ئىتتىپاقلىق قېنى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھنىڭ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىش شەرتى بولغان ئاللاھنىڭ دەئۋىتىنى ئىجابەت قىلمىدۇق. قېرىنداشلىرىمىز بىلىشكە تىگىشلىك يەنە بىر نۇقتا بولسا، ئاللاھنىڭ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىپ بارلىق ھاجەتلىرىمىزنى دەل ۋاقتىدا نەخلەپ بىرىش شەرىت ئەمەس.  ئەگەر ئاللاھنىڭ دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىش شەرتىگە توشقان تەقدىرىمىزدىمۇ، ئالدىرىماي سەبىر قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ تىلەكلىرىمىزنى ھازىر نەخلەپ بېرىشى مۇمكىن، كېيىنچە نەخلەپ بىرىشىمۇ مۇمكىن، ھەتتا ئاخىرەتتە نەخلەپ بىرىشىمۇ ھەم مۇمكىن. ئۇمۇمەن ئاللاھ ھەقىيقىي مۇئمىننىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشى مۇقەررەر. ئاللاھ تەئەلانىڭ قانۇنىيتى(سۇننەتۇللاھ)باربولۇپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇنىيەت  دائىرىدىن چەتنەپ كەتكەن مۇئمىننى ھىمايە قىلمايدۇ. دېمەك،  ئاللاھنىڭ ھىمايە قىلىشى بەلگىلىك قانۇنىيەتكە ئاساسەن (سۇننەتۇللاھ)بولىدۇ. ئاللاھ بىز ئىنسانلارغا ئوخشاش ئالدىراڭغۇ ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون نەچچە يىللىق مەككە دەۋرىنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى ئېغىر كۈلپەتلەرنى تارتتى. كۈلپەتلەردىن قېچىپ، ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەپ تائىپقا چىققان ئىدى، لېكىن تائىپتىن باشلىرى يېرىلغان ، ئاياغلىرى قانغا توشقان ھالدا قايتتى. ئاللاھ تەئەلا يەنىلامۇشرىكلارنى ھالاك قىلمىدى.

ھەممە نەرسە مەلۇم قانۇنىيەتكە، ۋاقىتقا باغلىق بۇلۇپ، باشتا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك تاڭنىڭ ئېتىشمۇ مەلۇم ۋاقىتقا باغلانغان بولىدۇ. شۇڭا بىز ئالدىرماسلىقىمىز لازىم. ئاللاھ بىزنىڭ ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئىشلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ. بىز بىرقىسىم دەرت- ئەلەملەرنى باشتىن كەچۈرگىنىمىزدە،  ئالدىراڭغۇ بولغانلىقتىن قىيامەت كۈنى بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزلەرگە بىرىلگەن سىناق بولۇپ، ئىبنى قەييۇم جەۋزى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئېغىر سىناقلارنى بېرىشىدىكى ھىكمەت ھەققىدە <<ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى بىلىش>>دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان. ئېغىر كۇلپەتلەردە ئىبادەتنى ھەقىقىي ئاللاھقلا قىلىدىغانلىقىمىز ياكى ئىشلىرىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ھەمدە ئۆز مەنپەتىمىز ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىز ئاشكارىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر مۇشەققەت، كۇلپەتلەرگە يولۇققىنىمىزدا ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارنى سىناق ئۈچۇن ياراتقانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز، دەئۋىتىمىزدە،  جىھاد ۋە ئىبادەتلىرىمىزدە تەۋرەنمەستىن داۋام قىلىشىمىز لازىم. سەبىر قىلغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ياردىمى ئىنتايىن يېقىندۇر.

https://www.youtube.com/watch?v=hUfSw51m9JQ

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ