ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-10 15:46:27 جەمئى 1975 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى



«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
9- ئىيۇل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشچە، 4-ئىيۇل باشلانغان 4-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 8-ئىيۇل ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن.

«تەكلىماكان» كوماندىسى بىلەن «لوس-ئانژېلىس ئۇيغۇر كوماندىسى» ئىككى مەيدان ئېلىشىپ ئاخىرى «تەكلىماكان» كوماندىسى ئۈچتە بىر نەتىجە بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۈچىنچى بولغان. چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە «ئۇيغۇر بىرلىكى» بىلەن كانادادىن كەلگەن «ئۇيغۇر بوغدا» كوماندىسى تاللانغان. مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلىپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كوماندا ئەزالىرىمۇ بارلىق ماھارەتلىرىنى جارى قىلدۇرغان.  بۇغدا كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئېغىر دەرىجىدىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن ئىككى توپچىسىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن قىزىل كارتا جازاسى بېرىلىپ، مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن. جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى ئاخىرى ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

رەسمىي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «ئالتۇن پەلەي» لوڭقىسى تارقىتىلدى. بۇ مۇكاپات مەرھۇم ياش پۇتبولچى، «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ سابىق ۋارتاسى ئېرپان مالىكنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىلقى «ئالتۇن پەلەي» لوڭقىسىنى ئېرپاننىڭ دادىسى پەرھات مالىك ئەپەندى ئۆز قولى بىلەن بۇ يىلقى مۇسابىقىدە «ئەڭ ياخشى ۋاراتا» نامىغا ئېرىشكەن ئېلزاتقا بەرگەن. 
ئارقىدىن بۇ يىللىق «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىنى بۇ يىلقى مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى توپ تەپكۈچى دەپ قارالغان ئارافات دىلشاتقابېرىلگەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يىلقى مۇكاپات ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى «بوغدا» كوماندىسىنىڭ ئەترەت باشلىقى دىلاۋۇرغا بېرىلگەن.

ئاخىردا كوماندىلار بويىچە مۇكاپات تارقىلىپ، ئالدى بىلەن ئۈچىنچى بولغان «تەكلىماكان» كوماندىسىغا مۇكاپات لوڭقىسى، مۇسابىقىدە 2-بولغان «بوغدا» كوماندىسىغا مۇكاپات لوڭقىسى، ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىغا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تەقدىم قىلىنغان.


ئاخىردا 2019-يىللىق «5-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نىڭ كېلەر يىلى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدەئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى جاكارلانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ