<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېررولۇق مەسىلىسى ئەمەس

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-10 12:19:26 جەمئى 1634 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېررولۇق مەسىلىسى ئەمەس

ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېررولۇق مەسىلىسى ئەمەس
10- ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى مۇتەخەسسىلىرى:« شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېررورلۇق مەسلىسى ئەمەس ئامېرىكا كوممونىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەك» دېگەن.
ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاممىۋىي سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 2008- يىلى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان «2049 پىلان تەتقىقات كومىتېتى» يېقىندا ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا مۇنداق دىيىلگەن:« شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللى توقۇنۇشنى تېررورلۇققا باغلىماسلىق كېرەك، ئامېرىكا خىتاي كوممونىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا تەدبىر قوللىنىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتپ، خىتاينى ئاتالمىش «تەرىيىلەش لاگېرى»دىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىشى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەك».
دوكلاتتا يەنە، « خىتاي تېررورىزم ئۇقۇمىنىڭ مۇجىمەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتىدۇ. خىتاي « 11- سىنتەبېر» ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزەلدىن بولۇپ كىلىۋاتقان مىللى زىددىيەتنى تېررورلۇق دائىرىسىگە كىرگۈزدى. خىتاي ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېررورچى قىلىپ كۆپتۈردى. ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى ئۆزىنى تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلغان قىلىپ كۆرسىتپ، شەرقىي تۈركىستاننى كۆزىتىش تەجرىبىخانىسىغا ئايلاندۇردى. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى تولىمۇ مۇھىم بولۇپ قالىدى»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ