ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا خىتايغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى

ئامېرىكا خىتايغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى

3-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەنگلىيە مېدىيا ئورگىنى – رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە خەلقئارا توشۇمىچىلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خوڭكوڭدىكى China Merchants Energy Shipping نىڭ باشلىقى شىې چۈنلىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى مۇھىتىدا ئامېرىكىدىن خىتايغا نېفىت ئەۋەتىشنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، شىې چۈنلىن خوڭكوڭدا چاقىرىلغان دېڭىزچىلىق ساھەسى يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن خىتايغا نېفىت يۆتكەۋاتقان چوڭ توشۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا سودا توقۇنۇشلىرىدىن ئىلگىرى بۇ بىر ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ ئىش پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ سۆزلىرى پاراخوتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسى Refinitiv Eikon نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈلدى.

ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭنى نېفىت بىلەن تەمىنلىشى ئىككى يىللىق تارىخقا ئىگە ئىدى.

ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇرلىرى ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتايغا قىلىنغان نېفىت ئېكسپورتى، ئامېرىكا نېفىتىنى ئىمپورت قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا 3 – ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيە بىلەن 4 – ئورۇندا تۇرۇۋاتقان گوللاندىيەگە قىلىنغان ئومۇمىي نېفىت مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ كانادادىن قالسىلا تىزىملىكنىڭ ئىككىنچى رىتىدىن ئورۇن ئالغان خىتايغا قىلىنغان نېفىت ئېكسپورتى، ئامېرىكا ئومۇمىي نېفىت ئېكسپورتىنىڭ %20 ىنى؛. ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تەمىنلەۋاتقان نېفىتى بولسا، بېيجىڭغا نىسبەتەن ئومۇمىي نېفىت ئىمپورتىنىڭ %3 ىنى تەشكىل قىلىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ