ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا خىتاينى ساياھەتتە ئېھتىيات قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-12 12:32:25 جەمئى 2272 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا خىتاينى ساياھەتتە ئېھتىيات قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى

ئامېرىكا خىتاينى ساياھەتتە ئېھتىيات قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى
12- يانۋار ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينى ساياھەتتە ئېھتىيات قىلىنىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە، خىتاي پۇقرالىرىغا سودىگەر بولسۇن ياكى باشقا كىشلەر بولسۇن چېگرادىن چىقىشقا قاتتىق چەكلىمە قويغانلىقى، ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ئەدلىيە ۋە نازارەت ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەرنى تۇغقانلىرى ۋە باشقا كەسىپداشلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى چەكلىگەنلىكى، قانۇن تالاش- تارتىش ساھەسىگە كىرمىگەن، ھەتتا خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا چېتىلمىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئۇزاق مۇددەتكىچە خىتاي چېگرىسىدىن چىقىش چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەسكەرتمىسدە، خىتايغا ساياھەتكە بارماقچى بولغان ياكى خىتايدا بىر مۇددەت تۇرماقچى بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك باھانىلىرى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى خۇسۇسىي ئېلېكتىر ئاچۇر كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئامېرىكىلىقنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەر شارىدىكى ساياھەتتە ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەرنى دەرىجىگە تىزغان بولۇپ، خىتاي ساياھەتتە ئېھتىيات قىلىندىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ