ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئامېرىكا پارلامېنتى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-10 16:03:38 جەمئى 1427 قېتىم ئوقۇلغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

ئامېرىكا پارلامېنتى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

9- يانۋار گوللاندىيەدىكى ۋاكالەتچىسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى  بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى ماركو روبىيو شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا، 2017- يىلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغاندىن كىين خىتاي ئېلىپ بارغان دىنى ئەركىنلىكنى چەكلەش، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغىچە نازارەت قىلىش قاتارلىق ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلەر بارغانسېرى ئېغىرلاشقانىلىقى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركسىتانلىقلاردىن مەجبۇرى D N A ئەۋرىشكىسى توپلاپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلەرنىڭ تۇغقانلىرىنى جازالاش قاتارىدا د ئو ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىدىن بىر قانچىنى تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقى، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكلىمىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، تەربىيىلەش لاگېرى بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتىنى كوممۇنىزم تەشۋىقات ئورنى، قىلىۋالغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى << ئەسەبىيلىك >> دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ