ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىران سۈرىيەدىن چىكىنىپ چىقمايدۇ

ئىران سۈرىيەدىن چىكىنىپ چىقمايدۇ

8- ئىيۇل قېرىم ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىران پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانىنىڭ خەلقئارا ئىشلار ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن:« ئىران سۈرىيىدىكى ھەربىي نوپۇزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى تەسنىم بەرگەن خەۋەردە ھۈسەيىن ئەمىر بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «سۈرىيىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۆز نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ئىران سۈرىيىدىكى ھەربىي نوپۇزىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىران ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى سۈرىيىدە دائىم ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
خەۋەردە يەنە ئىراننىڭ سۈرىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھەربىي نوپۇزىدىن بىئارام بولغان ئىسرائىلىيە رۇسىيە بىلەن تېھران ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىملارنىڭ رايوندىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى، غەرب تاراتقۇلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 16-ئىيۇلدا فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلىنىسكىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە پۇتىندىن، ئىراننىڭ سۈرىيەدىن تەلتۆكۈس چېكىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ