ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىستانبۇلدا ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-08 17:40:50 جەمئى 1768 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىستانبۇلدا ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

8- ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈك چەكمەجە رايۇنىدىكى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت زالىدا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى.
مۇراسىمغا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، شەرقىى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى، شەرقىي تۈركسىتان يىڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتى، دارولئىمان جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يىتەكچىلىرى ھەمدە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قاتناشتى.

 


مۇراسىمدا 100 يىل ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ 23- نۆۋەتلىك مىللەت ۋەكىلى، دوكتور جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ « قۇرئان كەرىمى»نى تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئەۋلادلىرىمىزنى ئەقىدە ۋە ئىلىم ساھەسىدە تەربىيىلەشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.


مۇراسىمدا پەرزەنتلىرىمىزگە «قۇرئان كەرىم»دىن بىر قانچە سۈرىلەرنى ئوقوتۇپ ئىمتىھان ئېلىندى. پەرزەنتلىرىمىز سەھنىدە چۈچۈك ئاۋازلىرى بىلەن ئىسلامى قوشاقلارنى ئېيتتى ھەمدە ۋەتەننى سۆيۈش مەزمۇنىدىكى شېئىرلارنى دېكلىماتسىيە قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ