ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

، پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدىغان ساۋاپ ئەجىرلەر ھەقىدە ئەندىشىلىنىۋاتىمىزمۇ يوق؟
 

ئىسراپ بولغان ساۋاپلار

 

ئەقىللىق بىر تىجارەتچى ھەرگىزمۇ تىجارىتىنى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى ياكى تىجارەت يولىنى بىلىپ تۇرۇپ زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ھەرقانداق بىر يولنى تاللىمايدۇ. ئەقىللىق بىر ئۇستاز ئوقۇغۇچىلىرىغا بەرگەن ئىلىمىنى زايە قىلىدىغان ھەرقانداق بىر سەۋەپكە ماقۇل دېمەيدۇ. كىم مەيلى قايسى ساھادە قايسى خىل ئىش ئوقەت بىلەن شوغۇللانسا شوغۇللانسۇن، قىلغان ئىشىنى بىكارغا چىقىرىدىغان، پايدىسىنى، مەنپەتىنى، نەتىجىسىنى يوققا چىقىرىدىغان، ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ئىش ۋە سەۋەپلەردىن قەتئى ھالدا يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ناۋادا ئىسراپ بولسا ۋە ياكى سەۋەپلەر تۈپەيلى زىيانغا ئۇچرىسا ئىنتايىن قايغۇرىدۇ، ۋە بۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان ئامىلاردىن ئاغرىنىدۇ. تەجرىبە يەكۈنلەيدۇ. ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدىن يىراقا قاچىدۇ.

ئىككى كۈنلۈك دۇنيا ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكلىرىمىزگە ، تۆككەن قان تەرلىرىمىزگە ۋە ئەجرىمىزگە شۇنچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. ھەم بۇنى شۇنداق بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز. ئەكسىچە پەرۋاسىز، مەسئۇلىيەتسىزلىكنى ئەخمەقلىق دەپ قوبۇل قىلىمىز. بىراق، پەقەت ئىمان نۇرى بىلەنلا غەيىپكە ئىمان ئېيتقان، روھ كۆزلىرىمىزگە كۆرىنىدىغان ئاخىرەت ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىمىزگە، ساۋاپلىرىمىزغا ، زايە بولۇپ كېتىۋاتقان ئەجىرلىرىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە سەزگۈرمىز؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز؟ بەزىدە پەرۋاسىزچە قىلغان بىر جۈملە سۆزىمىز، بىر كىچىك ئىشىمىز، كىچىكىنە كىبىرىمىز. نەپسىمىزنىڭ خائىشىغا بىر ياكى ئىككى قېتىم ماقۇل دەپ سېلىشىمىز. قىلغان ساۋاپلىرىمىزغا بولغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا ئاغزىمىزدا دېمىسەكمۇ كۆڭلىمىزدە قاتتىق ساۋاپ ئىشلىۋەتتىم دەپ غۇرۇرلىنىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ساۋاپلىق ئىشلىرى، ئەمەل قىلغان دىنى ئەھكاملىرىمىزنىڭ يېنىدا باشقىلارنىڭ ساۋاپلىرى ۋە دىنى ھاياتىنى ئاددىي كۆرۈشلىرىمىز ... قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يوق بولۇپ كېتىدىغان، پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدىغان ساۋاپ ئەجىرلەر ھەقىدە ئەندىشىلىنىۋاتىمىزمۇ يوق؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسەت خۇددى ئوت ئۇتۇننى يىگەندەك پۈتۈن ساۋاپلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ دېگەن ھەدىسى، دىلىدا زەررىچىلىك كىبىرى بولغان ئىنسان جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دېگەن ھەدىسى، شۇنداقلا:كىچىنە رىيامۇ شېرىكتۇر دېگەن ھەدىسى بىلەن سىلەردىن ئەڭ كۆپ ئەنسىرەيدىغىنىم كىچىك شېرىكتۇر، دېگەن ھەدىسلىرى بىزنى ئەمەل ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىمىز ھەققىدە قورقۇتمامدۇ؟ بىز ساۋاپلىق ئىشلارغا يۈگۈرەيمىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلىرىمىز ھەتتا ھاياتىمىزنى پۈتۈنلەي ئاتىۋېتىمىز¸بىراق ساۋاپلارنى يوق قىلىۋېتىدىغان ئەمەللەردىن شۇنچىلىك قېچىشتا شۇنچىلىك پىداكارلىق كۆرسىتەلەيمىزمۇ يوق؟ ئەگەر بىز بۇ تارازىنى توغرا تەڭشەپ تۇتالمىساق ئاللاھنىڭ ئىمانىمىزنى، قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمەت قىلىپ بەرگەن ئەقلىمىزنى توغرا ئىشلىتەلمەي ئىسراپ قىلىۋەتسەك، ساۋاپلىرىمىزنى ئىسراپ قىلىۋەتسەك، يوق قىلىۋەتسەك، يۇيىۋەتسەك بۇنىڭ ئورنىنى نېمە بىلەن تولدۇرۇمىز ؟  

 مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ