<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىمام: ھەر كۈنى سەھەردە مەندىن مۇنداق سەككىز تۈرلۈك نەرسىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

 

 

ئىمام شافىدىن تەلەپ قىلىنغان 8 تۈرلۈك ئىش

 

بىر كۈنى ئەتىگەندە ئىمام شافى رەھىمىئاللاھۇ ئەلەيھى مەسجىتتىن  ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا يولدا ئۇنىڭغا ئۇچراشقان بىر ئادەم ئۇنىڭدىن : ئى ئىمام! سىز يولدا كىتىۋاتقاندا ئىنتايىن چوڭقۇر بىر خىياللارغا چۆككەندەك مېڭىۋاتىسىز. سىزنى بىئارام قىلغان بىرەر ئىش بارمۇ؟ دەپ سورايدۇ.

ئىمام مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ: شۇنداق، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەندىن تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىنىمەن، ئويلانغانسېرى مۇشۇنداق ھالغا كېلىپ قالىمەن. بۇ جاۋاپتىن ھەيران قالغان ئادەم قىزىقىپ: ھەر كۈنى ئەتىگەن سىزدىن بىر نەرسىلەر تەلەپ قىلىنامدۇ؟ سىزدىن نېمە تەلەپ قىلىنىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.

ئىمام: ھەر كۈنى سەھەردە مەندىن مۇنداق سەككىز تۈرلۈك نەرسىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

بىرىنچى: رەببىم مەندىن پەرزلىرىنى  ئورۇنلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۈچۈنچى: ئائىلەم مەندىن ھالال نەپەقەلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تۆتىنچى: ئىمانىم ۋە ئەقلىم ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بەشىنچى: نەپسىم ۋە شەيتان ئۇلارغا ئەگىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئالتىنچى: ئىككى مۈرەمدە بولغان  كىرامەن كاتىبىن پەرىشتىلەر مەندىن ساۋاپلىق ئىشلارنى يازدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

يەتتىنچى: يېڭى باشلانغان ھەر بىر سەھەر مېنىڭدىن بىر كۈن قېرىغانلىقىمنى ئەسلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.

سەككىزىنچى: ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۇنىڭغا يەنە بىر كۈن يېقىنلاشقانلىقىم ھەققىدە ئويلىنىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.

مانا بۇلارنىڭ مەندىن تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغان ھالدا كۈننى باشلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يولدا ماڭغاندىمۇ خىيالغا پېتىپ كېتىمەن، دەيدۇ.

بۇلارنى ئاڭلىغان ئۇ ئادەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن: ئى ئىمان! بۇلار پەقەتلا  ساڭىلا خاس تەلەپلەرمۇ ياكى مەندىنمۇ تەلەپ قىلىنامدۇ؟

ئىمام تەبەسسۈم بىلەن: بۇ سېنىڭ چۈشەنچەڭگە باغلىق. مەن ھەر كۈنى بۇ تەلەپلەرنىڭ  مېنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى  ئىدراك قىلىپ يەتتىم. خالىساڭ بۇ ھەقتە سەنمۇ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆرگىن. بەلكىم سەندىنمۇ تەلەپ قىلىنىدىغانلار بولۇشى مۆمكىن.

بۇنى ئاڭلىغان ئادەم بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن   ئىمامنىڭ ئارقىسىدىن باش لىڭشىتىپ: توغرا دەيسەن، ئى ئىمام  بۇلار پەقەتلا سەندىن تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەر بولۇپ قالماستىن مەندىنمۇ ھەتتا ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغان ھەر كىشىدىن  ئورتاق تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردۇر. بىز بۇلارنى ئويلاپ يېتەلمىگەنلىكىمىز بىزدىن تەلەپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن  ئەمەس بەلكى ، بىزنىڭ غەپلەتتە قالغانلىقىمىزدىندۇر، دەيدۇ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ