ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىنسانلار "بۇ ئىمكانسىز" دەيدۇ لېكىن، ئاللاھقا ئاسان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2012-09-19 10:00:45 جەمئى 6690 قېتىم ئوقۇلغان.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن نېمەتلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىبرەتلىك نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى ۋەقەلىكلەرگە بىر قاراپ باقايلى.

 

 

ئىنسانلار بۇ ئىمكانسىز دەيدۇ لېكىن، ئاللاھقا ئاسان

ئىنسانلار ھەممە نەرسىنى نورمال ۋە ئۆزلىرى بىلىدىغان ھالدا كۆرۈشكە ۋە پىكىر بېرىشكە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى ئوخشىماسلىقلارنى كۆرگەندە ئاسان قوبۇل قىلالمايدۇ. بىراق، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن نېمەتلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىبرەتلىك نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى ۋەقەلىكلەرگە بىر قاراپ باقايلى.

ئۇيقۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن نېمەت قىلىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلمەستىن، ئۇيقۇ ھەققىدە تۈرلۈك  شىكايەت قىلغۇچىلارغا بىر دەرس:

ئىسپانىيەدە ياشايدىغان ئىننەجە فەرناندەجە ئىسىملىك بىر ئايال 11مىڭ  كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن. ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالمىغان بۇ ئايال ئوپىراتسىيە قىلىنغان ۋاقىتتا نورمال كىشىلەرگە ئۇرۇلىدىغان مەست قىلىش ئۇكۇلىنىڭ ئىككى قات كۈچلۈكىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئاندىن ئۇنى ئۇخلاتقان.

ئاللاھ خالىسا ئىنسانلارنى ھەر خىل ۋاستە بىلەن دۇنياغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا بىر دەلىل:

قازاقىستاندا 7 ياشتىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ قورسىقىدا ھامىلە بايقالغان. قازاقىستاننىڭ سىمكەنت شەھىرىدە ياشايدىغان بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ ئىشىپ قالغانلىقىنى پەرق ئېتىپ دوختۇرغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرلار ئۇنى دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىپ ئۇنىڭ قورسىقىدىن چاچلىرى ۋە تىرناقلىرى ئۇزۇراپ بولغان بىر بوۋاقنى ئالغان. 

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ