ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىنساننىڭ زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان 10 تەدبىر

ئىنساننىڭ زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان 10 تەدبىر

1 . ھەر كۈنى ئەتىگەن بىر ماتېماتىكىلىق ھېساب ئىشلەڭ. ياكى ھېسابقا ئالاقىدار بىر ئىش قىلىڭ مەسىلەن: قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش دېگەندەك. 2. ئەتىگەندە تەن ھەرىكەت قىلىڭ، يۈرۈڭ ياكى بىر تەنتەربىيە ھەرىكىتى قىلىڭ. ( پۈتۈن ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەسچىتكە مېڭىپ بېرىپ، ناماز ئوقۇپ قايتىش ئەڭ ياخشى چېنىقىش. ) 3. ھەر كۈنى بىر نەرسىلەرنى يادقا ئېلىڭ. شېئىر، تېكىست، تارىخى يىل نامە... بۇنىڭ ئىچىدە قۇرئان سۈرىلىرىنى يادا ئېلىش پۈتۈن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مۇجەسسەم قىلغىدەك رولغا ئىگە ئۇسۇلنىڭ بىرى. 4. بىر تېخنىكىلىق يېڭىلىق ئۆگىنىڭ. 5. ئۆي ، مەھەللە ئادرېسى، كىملىك نومۇرى، تېلېفۇن نومۇرى ، مۇھىم بولغان ئورۇنلار، شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى، شەيىئلەرنىڭ ئاتالغۇلىرىنى يادقا ئېلىشنى مەشىق قىلىڭ. 6. كىتاپ ئوقۇڭ. ھەر ھەپتىدە بىر كىتاپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىڭ. بولۇپمۇ زېھنى كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدىغان، سىزنىڭ سەۋىيىڭىزنى ، كىشىلىك شەخسىيىتىڭىزنى يۈكسەلدۈرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇڭ. 7. مۇڭلۇق، يېقىملىق ئاۋازلارنى تىڭشاڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە چىرايلىق ئوقۇلغان قىرائەت ۋە ئىلاھىي غەزەللەر ئەڭ ئۆنۈملۈك بولىدۇ. 8. جىمجىت بىر مۇھىتتا دەم ئېلىڭ. ھەر كۈنى ئەڭ ئاز 10 ياكى 15 مىنۇت تاكى ئالغان نەپەس ۋە يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ مېڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ. 9. مۇۋاپىق ، ساغلام بولغان ئوزۇقلىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ. ھەر ھەپتىدە ئەڭ ئاز بىر- ئىككى قېتىم بېلىق يەڭ. ھەر كۈنى ياڭاق مېغىزى يەپ بېرىڭ. سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. 10. ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن بىر كۈن ئىچىدە ئۆگەنگەن ۋە يادقا ئالغانلىرىڭىزنى چوقۇم بىر قېتىم تەكرار قىلىڭ.

تەييارلىغۇچى:
مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ