ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى يىغىلىش قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-11-28 16:53:25 جەمئى 24013 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى يىغىلىش قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى يىغىلىش قىلدى
28- نويابىر چۈشىتىش بۇرۇن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن تۈركى مىللەتلەر ۋەكىللىرى يىغىلىش قىلدى
يىغىلىشتا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەلەپلىرى سۇنۇلغان ۋە ھەل قىلىنغان.
1.تۈرك ۋەتەنداش كېپىللىك شەرتى يوق قىلىنسۇن. بۇ شەرت بۇندىن كېيىن تەلەپ قىلىنمايدىغان بولغان.
2.بالاغەت يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئىقامەت ئىلتىماسىدا ئاتا ئانىسىنىڭ بىرگە بولۇشى تەلەپ قىلىنمىسۇن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋاپىق بىر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىدىغان بولغان.
3.ئىنسانىي ئىقامەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە ھەل بولمىغانلىرى ھەل قىلىنىپ، مۇمكىن بولسا مۇددەتسىز ئىقامەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىز ۋاقىتتا بېرىلسۇن. بۇ تەلەپنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تىزلاشتۇرىلىدىغان بولغان.
4. ئايرودرومدىن كىرگەندە ئالغان ساياھەت بەلگىسىنى يوقىتىپ قويغانلارنىڭ ئىقامەت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنسۇن.
كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا كېلىپ مەلۇم قىلسا ياكى سان كۆپ بولسا جەمئىيەتتىن تىزىملاپ ئېلىپ كەلسە ھەل قىلىدىغان بولغان.
5.نورمال ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ بالىلىرىدىن تەستىقلانغان بەلگە تەلەپ قىلىنمىسۇن. بۇ تەلەپ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۇركىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە ياكى بەلگە ئېلىپ كەلسە قوبۇل قىلىدىغان بولغان.
6.قولىدا ھېچنېمىسى يوقلار ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىشىنى ياكى تىزىملىتىپ ئېلىپ كېلىشىنى سورىدى.
7. كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇۋالغانلارنى قويۇپ بەرسۇن. بۇ ھەقتە بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىدىغان بولغان.
8. قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ئارىمىزدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلدى. كونكرېت جىنايىتى بولمىغانلار تۇتۇلمىسا. مەزكۇر تەلەپ دىققەتكە ئېلىندى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلىدىغان بولغان.
9. 2017 – يىلىدىن بۇرۇن تۈركىيىگە كىرگەنلەرگە مۇددەتسىز ئىقامەت بېرىلسۇن.
بۇ مەسىلىنى كېڭىشىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان بولغان.
10. قەيسەرىيە ۋە باشقا يەرلەردىن ئىمزا قىلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئىقامەت ئىلىش توساقلىرى يوقىتىلغان بولسا. بۇ مەسىلە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بولغان.
11.تايلاندتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار تۈركىيىگە ئېلىپ كىلىنسۇن. بۇ مەسىلە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلىدىغان بولغان.
12. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كىملىكى يوق ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە ئېلىپ كىلىنسۇن. بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ چارە ئىزدەيدىغان بولدى.
14. ئاق پاسپورت بىلەن چېگراغا كەلگەنلەر كىرىشكە رۇخسەت قىلىنسۇن. بۇ ھەقتە ياردەم قىلىدىغان بولغان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ