ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات سۇنۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-07 11:55:37 جەمئى 1429 قېتىم ئوقۇلغان.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات سۇنۇلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات سۇنۇلدى
6- ئىيۇن ئىستانبۇلىنىڭ زېيتىبۇرنۇ ئىستاسيون مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئسى قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان بىلەن ياۋرو – ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى رەئىسى ئىسمايىل جەنگىز ئەپەندى بىرلىكتە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى يېزىلغان بىر پارچە دوكلات سۇندى.
ئىستانبۇلنىڭ زېيتىنبۇرنۇ ئىستاسيون مەيدانىدا  6- ئىيۇن كېچە سائەت 11:00 دە 24 - ئىيۇن تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەركىن سايلام ئۈچۈن پائالىيەت ئويۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىر قانچە جۇمھۇر رەئىس مەسلىھەتچىسى بىلەن بىرگە قاتناشتى.

پائالىيەتكە قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن 500 ئەترپىدىكى ئۇيغۇر قاتناشتى.

پائالىيەتتە سۇيلايمان سويلۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان بىلەن ياۋرو – ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى رەئىسى ئىسمايىل جەنگىز ئەپەندىنى بىر قانچە مىڭ كىشى قاتناشقان پائالىيەت سەھنىسىدە قوبۇل قىلدى.


ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۇلايمان سويلۇغا چىمەن دوپپا ۋە تون كېيگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە كىتاب ھەدىيە قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتۈش، تۈركىيىدە يەرلىشىش، داۋالىنىش، تۈركىيە تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش، قارا چېكىت ئورۇلغان ئۇيغۇرلاردىن قارا چېكىتنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەلەپلىرى يېزىلغان بىر پارچە دوكلات سۇندى.


ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە تونىنى كىيگەنلىكىنى كۆرگەن خەلق  ئامما گۈلدۇراس ئالقىشلىرى بىلەن مەيداننى زىلزىلىگە كەلتۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ