ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۆيىدە ناماز ئوقۇغانلار تۇتقۇن قىلىندى

ئۆيىدە ناماز ئوقۇغانلار تۇتقۇن قىلىندى
8- نويابىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلارنى ئويىدا نامان ئوقۇغاننى باھانە قىلىپ لاگېرغا تۇتقۇن قىلغان.
ئۆتكەن يىلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئائىلىسىدە ناماز ئوقۇغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگىرىغا تۇتۇن قىلغان ئىدى. بۇ يىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە، بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا ئايالى تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان جاڭمىڭ ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئەرەب دۆلىتىگە بارغانلىق باھانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئىنسى بىلەن قوشۇپ لاگىرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يەتتە ئايدىن بىرى يېڭى تۇغۇلغان بالىسنىڭ يۈزىنى ۋە ئايالىنى كۆرەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىخۇ شەھىرىدە يېشى 80 دىن ئاشقان ماشۈخۇينىڭ ئۆتكەن يىلى ئوغلى خىتاي ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن كېلىنى بىلەن نەۋرىسى خەۋەر ئالغانلىقى، بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا كېلىنى بىلەن 18 ياشقا توشمىغان نەۋرسى ئۆيىدە ناماز ئوقۇغانلىق باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدىغان ئادەم قالمىغانلىق سەۋەبىدىن قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدىن يېمەكلىك سوراپ كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ