<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-11 15:27:16 جەمئى 1674 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى


ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقلىدى
9- ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى، ئاۋسترالىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت 8- ۋە 9- ئىيۇل ئېلىپ بېرىلدى. زىيارەتنىڭ مەقسىدى تايلاندنىڭ خاتاي ۋە بانكوكتا تايلاند دائىرلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 60 قا يېقىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى يوقلاپ ئۇلاردىن ئەھۋال سوراش، ئاۋسترالىيىدىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماددى ياردىمى ۋە سالىمىنى يەتكۈزۈش، ھەمدە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتىنى ئۆز ئچىگە ئالغان شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن قېرىنداشلىرىمىزنى يوقلاش ئىدى. ئەپسۇس تايلاند دائىرلىرى مەھبۇسلارنى كۆرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار قانۇننى ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈش مەقسىدىگە يېتەلمىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇستاز ئابدۇسالام ئۈمىدسىزلەنمەي ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان شۇجايدىكى تايلاند ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلىدىغان تايلاند مۇسۇلمانلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىسلامى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاۋسترالىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماددى ياردەملىرىنى يەتكۈزدى.
كۆرۈشۈشتە تەشكىلات يېتەكچىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى قىشقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تەشكىلات يېتەكچىلىرىدىن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا يېقىندىن ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى.
ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:« تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار60 ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكىدەك بىر يەردە ئەمەس ئىكەن. ئۇلارنى باشقا- باشقا يەرلەرگە تارقىتىۋېتىپتۇ. ھەتتا شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەشكىلات يېتەكچىلىرى بىر قىسم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسلىكىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى يوقلاش، ئۇلار ئالدىدىكى قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتلەردە يېتەرلىك خىزمەتلەرنى قىلمىغانلىقىنى بايقىدىم»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ