ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ھەل بولدى


ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ھەل بولدى
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى بىلەن سۆزلىشىش نەتىجىسىدە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوميۈزلۈك ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكسى بېرىش تەستىقلاندى ھەمدە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە يوللاش تەلەپ قىلىندى. ھازىرغىچە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلمىغانلار تىزدىن تىزىملىتىشنى سورايمىز.
ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىگە تىزىملىتىش شەرتلىرى:
1- ئىلگىرى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىپ رەت قىلىنغانلار.
2- 2017-يىلى 1- ئايدىن كېيىن تۈركىيىگە كېلىپ ئىنسانىي ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش كىنىشكسى ئالالماي قالغانلار.
3- قولىدا پاسپورت ياكى ساياھەت بەلگىسى يوق چىگىر ئاتلاپ كىرگەنلەر، ساياھەت بەلگىسىنى يوقۇتۇپ قويغانلار.
4- تۇغۇت ئىسپاتى يوق ياكى تۈركىيىگە ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە كەلـمەي ئاتا ئانىسىنىڭ ئىسمى ئوخشاشماسلىق سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ئالمىغانلار.
ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىپ كۈتىۋاتقانلار بولسا تىزىملاتمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چىقىدۇ.
تىزىملىتىش ئورنى : شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زېيتىنبۇرنۇ ئىشخانىسى ( زېيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ ئۈستى قەۋىتىدە)
تىزىملىغۇچىلار:
مۆمىنجان : 05346505991
مۇساجان : 05368354523
ئىلھان تۇرانلى: 05537384485


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ