ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ

ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ

تۈركىيەدە چىقىدىغان مىللى گازىتەنىڭ 14- فېۋرال كۈنىدىكى سەھىپىسىدە فاتما تۇنجەرنىڭ «ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ» سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالە دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ئۇنتۇلىنىۋاتقان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرنىڭ ۋەھشى ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان، يوقۇلۇش ۋە خەۋپ ئىچىدە قېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى ئەڭ ئىخچام شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرگەن.

فاتمە تۇنجەر خانىم بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  شۇ قەدەر تەرەققى قىلغان ئۇچۇر دەۋرىدە،  دۇنيانىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى كىچىككىنە ۋەقەلەر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلۈپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى دۇنيانى كىچىك بىر كەنتكە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. مانا موشۇنداق بىر ۋاقىتتا ھەقلىرى تاجاۋۇز قىلىنىۋاتقان مەزلۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ئاۋازلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىمكانىيتىدىن مەھرۇم قالماقتا. ئەسلى ماھىيتى ئىقتىسادى كۈچكە باغلانغان ئاخباراتلار، ئادالەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يولسىزلىق ۋە ھەقسىزلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدىكى يارىلانغان بىر ھايۋاننى قۇتۇلدۇرۇش ۋەقەلىرىگە كەڭ ئورۇن بەرگەن دۇنياۋى ئاخباراتلار، تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرلىرىنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى شۇنداقلا بىر ئىككى جۈملە بىلەنلا تۈگەتمەكتە.

دۇنيانى قاپلىغان ئاخبارات ئۇچۇر تورلىرى بەزى دۈشمەن دۆلەتلەرگە «سىزنىڭ يېنىڭىزدىمىز» دىگەن تەسىرنى بەرمەكتە، ھەمدە ھەر قاچان ئۇ كۈچلەرگە زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىپ كەلمەكتە. بەزى ۋاقىتلاردا كۈرتلەرنىڭ يېنىدا، يەنە بەزىدە كاپكازلىقلارنىڭ يېنىدا، يەنە بەزىدە بولسا ئافرىقىلىق نامراتلارنىڭ يېنىدا تۇرغاندەك كۆرىنسىمۇ ئەمما،  ھېچقاچان مەزلۇملارنى قوللىغان ئەمەس ، بەلكى بۇ كۈچلەرنىڭ قانداق ئېكىسپولاتاتسىيە قىلغانلىقىنى يۆگەپ كەلمەكتە.

دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە سىياسى تەڭپۇڭلۇقلار دائىم دىگۈدەك ناھايتى تىز ھالەتتە ئۆزگۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، دۇنياۋى تۈزۈلمىلەرنى ھەل قىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ، ھەمدە  باشقا يېڭى سىتراتىگيەلەر ھەققىدە توختىلىدۇ. ئىجتىمائى، سىياسى سەھنىلەردە زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز، باراۋەرلىك ھەققىدە تالاش-تارتىشلار داۋام قلسىمۇ لېكىن،  خىتاي تاجاۋۇزچىلرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يۇق قىلىنماقچى بولغان ئۇيغۇرلار يالغۇز تاشلاپ قويۇلماقتا. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەرلىك ياللانمىلار ئارقىلىق،  خەلقنىڭ دىنى ئىتىقادى ۋە شۇنىڭدەك باشقا بارلىق ئالاھىدلىكلىرىنى چەكلەپ، ئىسلام دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى ھەممىمز بىلىمىز، ئەگەر بۇ ئالاھىدىلىكلەر يوق قىلىنسا، ئۇ مىللەت تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلىرى بىلەن ئارىسىدا بوشلۇق پەيدا قىلىپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى تىزلەشتۈرمەكتە. ئۇلار يەرلىك ياللانما خادىملارنىڭ قولى ئارقىلىق  ئۆيلەرگە باشتۇرۇپ كىرىپ، قۇرئان ۋە دىنى مەزمۇندىكى كىتابلارنى ساقلاشنىمۇ جىنايەت ھىساپلىماقتا. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا نۇرمال ئىقتىسادى سەۋىيەدىن تولىمۇ ئۇزاقتا ياشاۋاتقان  ئۇيغۇرلار  زومىگەرلەرنىڭ تاجاۋۇزى ۋە بېسىملىرىغا باش ئەگمەستىن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى قوغداپ كەلمەكتە.

 بۇ تۇپراقلاردىكى مەسجىدلەر قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولۇپ، خەلقنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار نامازلىرىنى پەقەت ساقچى نازارىتى ئاستىدا ئادا قىلىدۇ.  ئەزاننى ئادەتتىكى كاناي ئارقىلىق توۋلاشمۇ چەكلەنگەن بولۇپ، ناماز ۋاقتىدا ئەزان پەقەت تۆۋەن ئاۋاز بىلەنلا توۋلىنىدۇ. مەسجىدلەر پەقەت ئەتىگەن ۋە ئاخشامدىكى ناماز ۋاقتىدىلا قىسقا ۋاقىت ئېچىلىدىغان بولۇپ، قالغان ۋاقىتتا  دائىم تاقالغان ھالەتتە تۇرىدۇ. كومىنىستلار تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمام كىلەلمىگەن ۋاقىتلاردا بولسا ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا ھېچبىر كىشى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بىرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئۇ جىنايەت ھىساپلىنىدۇ. ھەر كۈنى باستۇرۇپ كىرىش نەتىجىسىدە ئۆيلەر تەكشۈرۈلۈپ،  قۇرئان ۋە دىنى كىتابلار يىغىۋېلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆي ئىگىلىرى بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە قاماققا ئېلىنماقتا. ئۇندىن باشقا  ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدىمۇ يېقىنلىرى بىلەن پەتىلىشىش ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇ خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن.

دۆلىتىمىزدە 15- ئىيۇل سىياسى ئۆزگۈرىشىدىن كىيىن ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن پارتىلاش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرىلىشى، ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېرور ۋە توپىلاڭلار بىزنىڭ پۈتۈن زېنىمىزنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. ئەمما  ھەر قانداق بىر ئىش بولۇپ كەتسىمۇ تۈركىيە ئەزەلدىن مەزلۇم خەلقنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدى. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ