ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈشكە ئالاقىدا ئۈچ ئۇيغۇر تۆھمەت بىلەن جازالاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-11 12:02:55 جەمئى 1087 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈشكە ئالاقىدا ئۈچ ئۇيغۇر تۆھمەت بىلەن جازالاندى

ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈشكە ئالاقىدا ئۈچ ئۇيغۇر تۆھمەت بىلەن جازالاندى
11- يانۋار شىڭداۋ گېزىتى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدە <<مىللى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى بار >> دېگەن تۆھمەت بىلەن ئۈچ ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغان.
خەۋەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە << ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن كۆرەش قىلىش>> مەخسۇس يېغىنى ئاچقانلىقى، يېغىندا خىتاي ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 12يىل ئىلگىرى تۈزۈپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدە ئىككى پانىزىم( پانئىسلامىزم ، پانتۈركىزم) ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىدىيىۋى زەھىرى بار، دېگەن تۆھمەت بىلەن، دەرسلىكىنى تۈزۈشكە ئالاقىدار ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇت، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت كاتىپى ئالىمجان مۇھەممەتئىمىن، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىق ئۇچ ئۇيغۇر ئەمەلدارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى، يېغىندا ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن كۈرەش قىلىش تەكىتلىنىپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا ماتېرىياللىرىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دوكتور خالمۇرات غۇپۇرنىڭ بۇ ساھەدە گۇمانلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە خىتاي شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ ساھەسىدە قوشۇمچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچە تۈزۈلگەن ئەدەبىيات، تارىخ، ئەخلاق ۋە قانۇن قاتارلىق دەرسلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ