ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۇيقۇنىڭ تەرتىپسىزلىكى ۋە بىنورمالىقى ، ئىنسانى ھارغىن قىلىپ قويىدۇ. بەل ۋە غوللىرىنىڭ تېلىپ ئاغرىشىغا، خىزمەت ئۈنىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا، شۇنداقلا پىسخىكىلىق روھى بىئاراملىققا سەۋەپ بولىدۇ.

 

ئۇيقۇ ھەققىدە قىسقا بىلىم

بوۋاقلار بىر كۈننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزسە، ياشانغانلار بىر كۈندە ئاران 5 ياكى 6 سائەت ئۇخلايدۇ. بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۇيقۇ سائىتى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. ئىنسان ئۇخلاشقا تەييارلىنىپ  20 مىنۇت ئىچىدە ئۇخلاپ كېتىدۇ. ئۇخلاشقا باشلىغاندىن تارتىپ 45 مىنۇت ئەتىراپىدا قاتتىق ئۇيقۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

ئۇيقۇنىڭ تەرتىپسىزلىكى ۋە بىنورمالىقى ، ئىنسانى ھارغىن قىلىپ قويىدۇ. بەل ۋە غوللىرىنىڭ تېلىپ ئاغرىشىغا، خىزمەت ئۈنىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا، شۇنداقلا پىسخىكىلىق روھى بىئاراملىققا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسىز قالغاندا بولسا، ۋۇجۇتتىكى بەزى ئەزالارنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

بىراق ھەدىدىن ئارتۇق كۆپ ئۇخلاشنىڭ ئۆزىمۇ زىيانلىقتۇر. ئىنسان نورمال ۋە پايدىلىق بىر ئۇيقۇ ئۇخلاش ئۈچۈن يېتىشتىن بۇرۇن بەك توق، ياكى بەك ئاچ ھالدا ياتماسلىقى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە  ۋە ياكى نېرۋىنى غىدىقلاپ جانلاندۇرغۇچى يېمەك- ئىچمەكلەردىن  يىراق تۇرۇشى لازىم.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت ۋە ياكى زېھنىي پائالىيەت قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

يېتىشتىن بۇرۇن كىتاپ ئوقۇش، ئۇخلاشنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

ئۇخلايدىغان ئۆينىڭ نەملىكى ۋە تېمپىراتۇرسىنىڭ بىر خىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا پايدىلىقتۇر.

ياتاق ئۆينىڭ شاۋقۇنسىز، قاراڭغۇ بولۇشى، ھەر كۈنى كەچتە مۇئەييەن بىر سائەتتە يېتىش ۋە ئەتىگەنلىرى مۇئەييەن سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇش ئۇيقۇنىڭ ھەقىقىي كۆزلەنگەن مەنپەتىگە ئېرىشىشتە ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

«ساغلىق ۋە ھايات» تىن تەييارلىغۇچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ