ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-05 18:29:56 جەمئى 2836 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى
ئۆز خەۋىرىمىز: 5- ئۆكتەبىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۈرۈمچى ئاھالىسىدىن بىر كىشى ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيە بۆلىمىگە ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلشتا قېرى ياش دىمەي تۇتقۇن قىلدى. بۇرۇن 18 گە توشمىغانلارنى ئانچە تۇتقۇن قىلىپ كەتمىگەن، ھازىز 14، 15 ياشلىق بالىلاردىن باھانە تاپسىلا تۇتقۇن قىلىدىغان بولدى.
«شۈكۈر» دېگەن ناخشىنى ئېيتقان مۇھەممەتجان ئابدۇشۈكۈر، ناخشىچى ئابدۇللاجان ئاۋۇتنى سەۋەبسىزلا 15 يىل كەستى. ئارتىسلارنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلدى. ھازىر ئىتوت دىگەندەك نەرسىلەرمۇ يوقاپ كەتتى. لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدىن قويوپ بېرىلگەنلەر ئنتايىن ئاز، قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىچىدە ئۇزۇن ياشىغانلىرى بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا ئۆلۈپ كەتتى. 22 ياشلىق بىر كىشى يېقىندا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ ھەپتە ئۆتكەندە ئۆلۈپ كەتتى. مىنىڭ مەھەللەمدىكى بىر كىشى بۇ يىل 3- ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن بىراق ھازىرغىچە ماڭالمايدۇ. ئۈرۈمچىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن جەمئىيەتتە قالغانلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مۇئەييەنلەشتى. سىرتتا قالغانلىرىنىمۇ ئۆگىنىشكە سېلىۋاتىدۇ. ئىز- دېرىكى يوقلارمۇ بەك كۆپ. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بەك ئازلاپ كەتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ