ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇڭغۇلچە" گۈزەل يايلاق" مەنىسىدە كەلگەن ئۈرۈمچى شەھىرى

 

ئۈرۈمچى كوچىسىدىن بىر تەسىرات

ئۈرۈمچى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ سىموۋول خارەكتېرىدىكى شەھەرلىرىدىن بېرى. مۇڭغۇلچە گۈزەل يايلاق مەنىسىدە كەلگەن ئۈرۈمچى شەھىرى، گەرچە قوزغۇنلارنىڭ يامرىشى بىلەن ئەسلىدىكى دىللارغا ھۇزۇر بېرىدىغان گۈزەلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ، سوغۇق ئەينەك ۋە تاملاردىن قۇرۇلغان بىنالار بىلەن ئورالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭۈلەردىكى گۈزەلىكى ھېلىھەم ساقلانماقتا.  5- ئىيول ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا ئۈرۈمچى ئۇنىڭ خەۋەرلىرىگە تەشنا بولغان ، ھەر ۋاقىت ئۇيەردىكى قان ۋە يارا ئىزلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، ئاچچىق ھېسلىرىمىزنى  زورلاپ يۇتۇدىغان بىر ئىسىم بولۇپ قالدى.

-ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالى قانداقراقكەن؟ دەپ سورىدىم مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلگەن بىر دىلكەش قېرىندىشىمدىن.  

-ئۈرۈمچى بۇ يېقىنقى ئون قانچە يىلدىن بېرى تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇرۇدىغان ئەينەك بىنالار بىلەن كۆپ ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ. بىراق، مېھرى ئېسسىق بولغان دەرەخلىق يوللار، بىز سېغىنغان مەھەلىلەر يوق، دېدى. ئۇ قېرىندىشىم ماڭا مۇڭلۇق قاراپ،  ئاندىن:  ئىنساننىڭ ئىچىنى  ئىسسىتمىسا تاش بىنالارنىڭ نېمە ئەھمىيتى ؟ شۇنداقمۇ ؟ دېدى. مەن باش لىڭشىتتىم. ئۇ ماڭا قاراپ مېنىڭ سوئالىمنىڭ پەقەتلا بۇ ئەمەسلىكىنى سەزگەندەك : بارمىسا ئادەمنىڭ بارغۇسى كەلگەن، ماڭىمۇ خېلى يىللار بولۇپتىكەن، ئەمدى زۆرۈر ئۆلۈم- يېتىم ئىش بولۇپ قالمىسىلا بارمايمىكىن، دەپ قالدىم. روھى بىئاراملىق مېنى بەكلا تۈگەشتۈرۋەتتى. نەگىلا بارسىڭىز سايىدەك ئەگىشىۋالغانلارنى دېمەيلا قويۇڭ. ئۇيغۇر خۇددى تۇغۇلۇشىدىلا ۋەقە تۇغدۇرۇدىغان مىللەتتەك مۇئامىلىگە ئۇچرايدىكەن.  بۇ ھەقسىزلىق ئىنسانغا تولۇمۇ ھار كېلىدىكەن. قىسقىسى ياقىلار ئېتەك، ئېتەكلەر ياقا بولۇپتۇ.

مېنىڭ يۇرت سېغىنىشتا قايسى دەرىجىگە بارغىنىمنى ئازدۇر- كۆپتۈر پەرەز قىلغان قېرىندىشىم، ئاڭلىغانلىرىمدىن مېنىڭ تېخىمۇ بىئارام بولغانلىقىمنى پەرەز قىلدى بولغاي، دەرھال: بەزىدە كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ ئۇچرىتىپ قالدىم، دېدى. مەسەلەن؟ دېدىم مەن دەرھال :

-بىر كۈنى مەن بازارغا ئازراق سودىلىق ئۈچۈن چىققان ئىدىم. يولنىڭ قارشىسىدا ۋارۇڭ- چورۇڭ بولۇپ كەتتى، قارىسام بازار باشقۇرۇشنىڭ قارا كىيىملىك ئىتلىرىدىن تۆتى ۋاقىرغان پېتى كېلىپ، ھارۋىسىغا لىققىدە ئاپلىسىن باسقان بىر باققالچىغا  ئېتىلدى. ئارىدا ئازراق ئارىلىق بولغاچقا نېمە دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلىيالمىساممۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان  ۋەقەلىكتىن ئۇلارنىڭ بۇ  ئۇيغۇر باققالچىنى قانۇنسىز سېتىقچىلىق قىلدىڭدەپ ھەممە نەرسىسىنى مۇسادىرە قىلغىلى كەلگىنى ئېنىق ئىدى. ۋاي ئىسىت دېدىم! ئىچىمدە. بۇ ۋاقىتقىچە ئۇ ئىتلارنىڭ بىرى ئۇنىڭغا ۋاقىراپ بىر نەرسىلەرنى دېگەن پېتى  تارازىغا ئېسىلدى. باققالچى بولسا بەرمەسلىك ئۈچۈن ئېسىلدى. قالغان ئۈچ ئىتمۇ ھەمراھىغا ياردەمدە بولدى. ئۇلار ئاغزىلىرىدىن تۈكرۈك چاچرىتىپ ۋاقىرىشاتتى. بىردەمدە ئەتراپتا ئادەم يىغىلىشقا باشلىدى. مەنمۇ ئىختىيارسىز يېقىنلاپ ماڭدىم. شۇ ئارىدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىر ئۇيغۇر بوۋاي سەكرەپ ئوتتۇرغا چۈشتى ۋە دەرھال باققالچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى ئىگىز بويلۇق گەۋدىسى بىلەن ھېمايە قىلغاچ خۇددى يولۋاستەك گۈكىرەك ئاۋاز بىلەن راۋان خەنزۇ تىلىدا: ھۇ، ئادەم يەيدىغان ئىتلار، ئادەمنى ياشاتقىلى قويامسەن، قويۇشمامسەن، بۇ ئاپلىسىن ساتسا سېنىڭكىنى ساتتىمۇ؟ ياكى سېنىڭ دۈمبەڭگە ئارتىپ قويۇپ ساتتىمۇ؟ بۇ ئاش يېمەمدۇ؟ نان يېمەمدۇ؟ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن پىلوماتتەك سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭ گۈر ئاۋازىدا بولسا ھېلىقى تۆت ئىتنىڭ ئاۋازى غىڭشىغان پاشىنىڭ ئاۋازىدەك  ئاڭلىناتتى. ئەتراپتىن بولسا : شۇ ئەمەسمۇ، ئۆلتۈرەي دەمدۇ، بۇ خەق، يا ئىش بەرمىگەن، يە بىر نەرسە ساتقۇزمىغان، گەپ بولسىلا مۇشۇلارنىڭمۇ؟ دېگەندەك نارازلىق، قايناشلار ئەۋج ئالدى. لېكىن ، يەنىلا پەيلىدىن يانمىغان ئۇ ئىتلار ھارۋىنى سۆرەپ باققالچىغا : يۈر! بازار باشقۇرۇشقا بارىمىز، دەپ ۋاقىرغاچ ھارۋىنى سۈرەشكە باشلىدى. باققالچى بولسا بەرمەسلىك ئۈچۈن ھارۋىنىڭ بىر تەرىپىگە چىڭ ئېسىلىۋالدى. بوۋاي بولسا ئۇ ئېتلاردىن ھارۋىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن گەۋدىسى بىلەن ئۇلارنى ئېتتىرەتتى.  قاراپ تۇرغاندىن بېرى بولسا: ئۇكام بۇ چوشقىلارغا يىگۈزگىچە تۆكىۋەت بۇنى، دېدى. ئۇ باققالچىمۇ: توغرا دېدىڭ ئاكا، بۇلارغا يىگۈزگىچە تۆكىۋېتەي، سىلەر ئېلىۋېلىڭلار، ھالال بولسۇن، دەپلا ھارۋىنى بىر ئېتتەردى. ئارانلا لىڭشىپ تۇرغان ھارۋىدىكى ئاپلىسىنلار  بولسا چېچىلغان سېرىق مارجاندەك كەڭرى كوچىنى بىر ئالدى.

-ئاپلا! دەۋەتتى، بىرى:قاتناش توسۇلۇپ قالسا، قاتناشقا توسالغۇلۇق قىلدىڭ،  دەپ قاتناشنىڭ ئىتلىرى تۇتۇپ كېتەرمۇ؟

 -توغرا!  دېدى يەنە بىرىمۇ: قاتناش توسۇلۇپ قالسا، قاتناشقا توسالغۇلۇق قىلدىڭ، دەپ قاتناشنىڭ ئىتلىرى تۇتىدۇ.  قانداق قىلغۇلۇق، دەپ ئەتراپقا قارىدى ئەندىشىلىك بىر ھالدا.

ئۇ ئادەمنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ھەممە تەڭلا: توغرا ئۇلار كېلىدۇ¸ۋە سەۋەبىنىمۇ سورىماستىن تۇتۇپ ماڭىدۇ. بۇنداق ئىشنى ئاز قىلمىدى، بۇلار، دېگىنىچە يۇپۇرلۇپ كېلىشتى. ئىشسىزلىقتىن كوچا سۈپۈرۈشكە چۈشۈپ قالغان تازىلىق ئىشچىلىق كىيىمى كىيگەن قىز – چوكانلاردىن بىر قانچىسى يۈگۈرۈشۈپ كېلىشتى. كىشلەر قايەردىندۇ تاپقان بىر ئەدىيالنى قولمۇ – قول يول چېتىغا  يېيىشتى. ئەتراپتىكى قاراپ تۇرغانلار  قېرى- ياش، ئەر- ئايال دېمەي تەڭلا يەرگە ئېڭىشىپ ، قۇچاقلىرىغا، ئېتەكلىرىگە، چاپانلىرىنڭ پەشلىرىگە ئاپلىسىن توپلاپ ئۇنى ئەدىيالغا تۆكۈشتى. ھەش پەش دېگىچە ئەديال ئۈستىگە توپلانغان ئاپسىنغا قاراپ قالغان تۆت ئىت بولسا ئولجىسىدىن قۇرۇق قالغان چىلبۆرىدەك ئاغزىنى ئاچقىنىچە نېمە قىلارنى بىلەلمىدى. ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىغان قاتناش يولىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر بولسا توپلاشقان ئاپلىسىن ۋە كىشىلەرگە بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قاراپ ئۆتۈشەتتى. ھېچكىم ئۇ ئاپلىسىندىن بىر تانىسىنى ئالمىدى . باققالچىغا ھەركىم بىر نېمىلەرنى دەپ تەسەللى بەرمەكتە، ئىدى. مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ ماڭدىم. چۈنكى، بۇ يەردە تۇرۇشقا تاقەت قىلالمىغان ئىدىم. كۆزلىرىمدىن تۈكۈلگەن ياش توختايدىغاندەك ئەمەس.  بىراز ئاۋالقى زۇلۇمدىن غەزەپتىن ئوت ئالغان بەدىنىم، بۇ قېرىنداشلىق ئۈچۈن بىر ياققىدىن باش چىقىرالغىدەك بولغان ئويغۇنۇشتىن، ھەمكارلىقتىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدى. ئۆزەم ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان بىرى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بىرى ئۆلىۋاتسىمۇ پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەھۋالنى بۇرۇن بەكلا تولا كۆرەتتىم. بۇ مىللەتنى بۇ دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن قان تۆكۈلۈش كېرەكمىدى ؟ ئۇيغۇر دېمەك، ئۇيۇشقاق دېمەك دېگەن نامىمىزنىڭ ئۈستۈدىكى داغلارنى قانلار بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق ئاندىن ئىسپاتلىشىمىز  كېرەكمىدى؟دەپ ئويلىدىم كېتىۋېتىپ ھەم بۇ كۆرۈنۈشنى ھېچ ئۇنتالمىدىم.  

بۇلارنى سۆزلەپ بېرىۋېتىپ كۆز ياشلىرى  يەنە قويۇلۇپ كەتكەن قېرىندىشىمغا ياشلىرىنى سۈرتۈش ئۈچۈن ياغلىق تۇتتۇم ئەمما،  مېنىڭ كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلار بولسا ئالىقاچان يۈزلىرىمدىن ئېقىپ كىيىملىرىمنى نەملەپ بولغان ئىدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر   


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ