ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رامىزان رەھمىتى، مەغپىرىتى ۋە بەرىكىتى بىلەن دۇنيارىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.

رامىزان كېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھتىرەم خوجىلاردىن ئىھسان شەنئوچاق خوجا رامىزان توغرىسىدا قىممەتلىك ۋەز- نەسىھەتلەرنى بەردى ۋە مۇنداق دېدى:  رامىزان رەھمىتى، مەغپىرىتى ۋە بەرىكىتى بىلەن دۇنيارىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئۈممەتنىڭ باغرى يارا مەھشىرىدە يېڭى بىر رامىزان كىردى. بۇرۇنقى زامانلاردا ئىنسانلار رامىزاندا يىغلايتتى. پەقەت ئۇلار رامىزان شەرىپنىڭ كېتىشىدىن قايغۇراتتى. ھازىر بولسا رامىزانىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە چۈشەنچىسىدىن مەھرۇم قىلىشقا باشلىغان مۇسۇلمانلار يەنى رامىزان بىلەن بىرگە بىزنىڭ دۇنيارىمىزغا نېمىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئەلۋىدا دېيىش بىلەن نېمىلەرنىڭ كەتكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان مۇسۇلمانلار، رامىزان كىرگەندە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەنلىكى ئۈچۈن تۈمۈر تاغاقلار ئارقىسىغا سولىنىۋاتقانلار ئۈچۈن يىغلايدۇ. قاھىرەدە، شامدا، باغداتتا، شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللار، بالىلارنىڭ شېھىتلىكلىرى ئۈچۈن ئېچىشقان قەلبلىرى بىلەن  رامىزانغا خوش كەلدىڭ ئىي قايغۇلۇق رامىزان!' دەپ قايغۇلۇق تۇيغۇلارنىڭ ھالىنى ياشايدۇ، دېدى.

ئۇ يەنە رامىزان ئېيىنىڭ ئىپتار بولمىغىچە كۆز ئالدىدىكى نانى يېيەلمەيدىغان ،سۇنى ئىچەلمەيدىغان بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قانچىلىك دەرىجىدەكۈچلۈك ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى تۇنۇش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنى مۇسۇلمانلار ھاياتلىرىغا تەتبىقلىشى كېرەكلىكىنى، رامىزاننى يەيدىغان ، ئىچىدىغان ئاي ئەمەس، بەلكى يۇقارقى ئىسمى دېيىلگەن دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى ھالىنى ئۇنۇتماستىن، روزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە تۇتۇشى لازىملىقىنى، بۇ رامىزاندىن ھەزىرىتى ئابابەكرى ۋە ئۈمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇدەك مەنىۋىي بايلىق بىلەن چىقىشىمىز لازىملىقى ھەققىدە توختالدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر   


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ