<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

، ئېقىۋاتقان قانلارنىڭ مۇسۇلمانقېرىنداشلارنىڭ قېنى ئېكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئىچىشماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئىسلاھقا بولسىمۇ تىرىشماسلىقىمىز ئېيتقان ئىمانىمىزنى يالغانغا چىقارغانلىق بولماي نېمە؟

 

ئېقىۋاتقان قانلار كىمنىڭ ؟

تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان غەززەدە ئۆلىۋاتقان ئىنسانلار ھەققىدە، ئۇ يەردە يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچلىق ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي پوزۇتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ: مەككە ، مەدىنە ، قاھىرە ، بىيرۇت، شام، دىياربەكىر، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل بىر- بىرلىرى بىلەن قانداق قىرىنداش بولسا، پۈتۈن دۇنيا بىلسۇن ۋە ئاڭلىسۇنكى رامۇللاھ ، نابلۇس، غەززە ۋە قۇدۇس شەھەرلىرىمۇ بۇ شەھەرلەرنىڭ قىرىندىشىدۇر، شۇنداقلا بىزنىڭ قىرىندىشىمىزدۇر.

بۇ شەھەرلەردە تۆكۈلگەن ھەر تامچە قان، بىزنىڭ تۇمۇرلىرىمىزدىكى قاندۇر، بۇ شەھەرلەردە ئۆلتۈرۈلگەن  ھەر بىر جان بىزنىڭ جېنىمىزدۇر، غەززىدە ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ مەسۈملەرنىڭ ھىساۋى ئىلگىرى ياكى كىيىن بولسۇن چۇقۇم ئىلىنىدۇ. ھەرگىز بوشاشماڭلار ۋە ئۈمىتسىزلەنمەڭلار، ئەگەر سىلەر ھەقىقى مۈئمىن بولساڭلار غەلىبە سىلەرگە مەنسۈپتۈر.دېدى.

ئىلگىرىمۇ پەلەستىن ۋە غەززە مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلىكى بىلەن ئىسرائىلغا ۋان مىنۇت سۆزى بىلەن رەددىيە بەرگەن رەجەب تاييىپ ئەردۇغان يۇقىرىقى جۈملىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ غەززە مەسىلىسى ۋە بۇ مەسىلىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىنى ئىپادىلەپلا قالماي ھەقىقىي بىر مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىنى ۋە مۇسۇلمانىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىقىغا خاس مەيدانىنى  يەنە بىر قېتىم ئېنىق ئوتتۇرغا قويدى.

دۆلەت سىرتىدىن  نۇرغۇنلىغان ئىسلامغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك نەيرەڭلىك سىياسى بېسىم ۋە توزاقلىرى، دۆلەت ئىچىدە بولسا ھەر خىل تىپ ۋە  ۋە ئېقىمدىكى كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن ھەر بىر قەدىمىنى نۇرغۇن خەتەر ۋە مۈشكۈلچىلىكلەرنى يېڭىپ تۇرۇپ  بېسىۋاتقان  رەجەپ تايىپ ئەردۇغان ھەر ۋاقىت مەيلى نېمە بولسا بولسۇن زالىمغا قارشى مەزلۇم تەرەپتە تۇرۇشى كېرەلىكىنى ئۇنۇتمىغان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىلىك خارەكتىرىدىكى رەھبىرىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! بىراق، بىز ئۇنىڭ بۇ خىل پوزۇتسىيەسى ۋە ئېنىق بولغان مەيدانىدىن سۈيۈنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئەقلىمىزگە نېمىلەر كېلىشى مۆمكىن؟ بەزىلەر بەلكىم ئۇ دېگەن تۈركىيەدەك كۈچىيىۋاتقان نوپوزلۇق بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى ، نېمە دېگىسى كەلسە دىيەلەيدۇ، دېيىشىمىز، بىز دېگەن ئاجىز، مەزلۇم بىر مىللەتبىز بىزنىڭ ئۇنىڭدەك مەيدانىمىزنى ئىپادىلەيدىغان ئىمتىيازىمىز يوق، دېيىشىمىز مۆمكىن. بىراق شۇنى ئېنىق بىلىۋىلىشىمىز كېرەككى،  جانابى ئاللاھ ئەڭ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك زاتتۇر. ھەقىقىي كۈچ ۋە ھۆكۈمرانلىق ئاللاھقا خاستۇر. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىپادىلىشىمىز كېرەك بولغىنى زالىمغا قارىتا مەزلۇم تەرەپتە تۇرۇش، ئۆلىۋاتقان مەزلۇم غەززە مۇسۇلمانلىرى، سۈرىيە مۇسۇلمانلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدا دىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىۋاتقان ، زۇلۇم كۆرىۋاتقان مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جاللات، زالىم كاپىرنىڭ قولىدا جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن كۆرىۋاتقان زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قېرىندىشىمىز دەپ بىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ زۇلۇم ۋە مۈشكىلچىلىكلەرنى پەقەتلا ئاغزىمىزدا يامان بولدى، ئۇنداق بولماسلىقى كېرەكتى، ئۇرۇش چىقمىسا ئىدى،ئادەم ئۆلمىسە ئىدى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆتكۈزۋەتمەستىن، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ھېچ بولمىسا كۈندىلىك ھەشەمەتلىك، راھەتپەرەس ھاياتىمىزدا غەمسىز ، غەپلەتتە ياشاشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئاللاھنىڭ رەببىمىز ئىكەنلىكىنگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ  بەندىسى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىمان ئېيتقان ھەر بىر مۇسۇلماننى قېرىنداش دەپ ئىلان قىلغان بولىمىز.  شۇنداق ئىكەن، قېرىنداشلىرىمىز سوغاقتىن تېتراۋاتقاندا، يۇمشاق كارۋاتلاردا، ئىسسىق يوتقان ئىچىدە راھەتتە ئۇخلاشلىرىمىز، ئۇلار بىر يۇتۇم سۇ، بىر بۇردا نان يېيەلمىگەندە بىزنىڭ داستىخانلىرىمىزنىڭ موللىشىپ بېرىشى ۋە ئالاھىدە تاماق زاكاس قىلدۇرۇپ ، ياقتۇرمىساق ئەتكەن ئادەمگە خاپا بولۇپ كېتىشلىرىمىز ئېيتقان ئېمانىمىزغا ئۇيغۇنمۇ؟ مەھشەردە بۇنىڭ ھېساپبى سورالماسمۇ؟

ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادا راھەت ياشاش ئىسلامدا چەكلەنگەن ئەمەس. بىراق ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك راھەت ياشاش ئارزۇسى بولغانلار، بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئوخشاش راھەت ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ھاياتىنى ساقلاپ قالالىغىدەك ئىمكانى بولمىغان مۇسۇلمانلار بىز بىلەن دەۋرىداش، زاماندا ش بولۇپ ياشاۋاتقان ۋە ئۇلاردىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا راھىتىمىز ئۈچۈن غەپلەت ئۇيقۇسىغا چۈمىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز ھەققىدە  ئويلۇنۇپ كۆرمەي، ھېچ ئىش بولمىغاندەك پەرۋەسىزلىق قىلىشىمىز، ئېقىۋاتقان قانلارنىڭ مۇسۇلمانقېرىنداشلارنىڭ قېنى ئېكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ،  يۈرەكلىرىمىز ئىچىشماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا بولسىمۇ تىرىشماسلىقىمىز  ئېيتقان ئىمانىمىزنى يالغانغا چىقارغانلىق بولماي نېمە؟  

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ