ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى
26- سىنتەبېر خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەن.
خەۋەردە، ئەدوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قانچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئەردوغاننىڭ ئومۇمىي كېڭەشتە سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى ترامپ بىلەن قىسقىغىنا سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، ئەردوغان ئومۇمىي كېڭەشتە سۆز قىلغاندىن كېيىن فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، سلوۋېنىيە پرېزىدېنتى بورۇت پاخور، موزامبىك پرېزىدېنتى فىلىپ جاكىنتو نايۇسى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ۋە گىرىتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھبەرلەر بىلەن يېپىق ھالەتتە ئۇچراشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ