ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىران شىركەتلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلاتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-04 15:01:25 جەمئى 867 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىران شىركەتلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلاتتى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىران  شىركەتلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلاتتى
4- ئىيۇل قېرىم ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇقىمسىز مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىرانلىق بەزى شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلاتقان.
خەۋەردە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇقىمسىز مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان ئىرانلىق 9 شەخس ۋە شىركەت ھېسابلىرىنى توڭلىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقى، بىراق مەزكۇر شەخس ۋە شىركەتلەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى بەرمىگەنلىكى، تىزىملىكتە ئىسمى بولمىغان ئىرانلىق ھەر قانداق شەخس ياكى شىركەتلەرگە تەۋە مال– مۈلۈكلىرى توڭلىتىلمايدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، مەزكۇر شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان پائالىيەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق قۇددۇس قىسىملىرىغا مىليونلارچە دوللار يوللىغانلىقى قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ماي ئېيىدا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى «ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق قۇددۇس قىسىملىرى بىلەن چېتىشلىقى بار» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ 6 شەخس ۋە 3 شىركەتكە قارشى ئېمبارگو قارارى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ