ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەرەپ باھارى ۋە بىز

 

 

 

ئەرەپ باھارى ۋە بىز

(ئەرەپ باھارى ھەقىدە بىر مۇلاھىزە)

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 

 

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ تۇنىستا باشلانغان خەلقنىڭ دېمىكوراتسىيە ۋە ئۆزگۈرلۈك  تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى ئەرەپ باھارى ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ يېرىم يىل ئىچىدە مىسىر ۋە لىۋىيەلەرگە يېيىلدى ۋە بىرقانچە ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئۇچقۇنلىرىنى چاچراتتى. ھازىر بولسا سۈرىيەدە ئۆزلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان پۇقرالارنىڭ ھاياتى قاتتىق ئەندىشىلىك بىر ئەھۋالدا قالغان بىر مۇھىتتا داۋام قىلماقتا. ئىنتايىن تېز سۈرەتتە خەلقئارادىكى بارلىق قاتلاملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى كېچە كۈندۈز مەشخۇل قىلغان، دۇنيا سىياسىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان ۋە ئوينايدىغان سىياسەتچىلەر، دىپلوماتلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت پىلانىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان بۇ ھەرىكەت نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ ھەرخىل يول ۋە  شەكىلدە ئولتۈرۈلىشىگە، يارىلىنىشىغا، ئاچ قېلىشىغا، ناكا بولۇپ قېلىشىغا، ئىز- دېرەكسىز يوق بولۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغىنىغا قارىماي بۇ باھارنىڭ تەسىرى پەسىيدىغاندەك ئەمەس. بۇنى پۇرسەت بىلىپ ئۆز نەپسىگە چوڭ تارتماقچى بولغانلارمۇ، بۇ ۋەقەلەر ئۈستىدە تۈرلۈك چۈشەنچىلەرنى بېرىپ ياكى چۈشەندۈۈپ ئۆزلىرىنىڭ گۇمان ۋە شۈبھە ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرغا قويغانلارمۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئارقىدا ئۇ دۆلەتنىڭ ياكى بۇ مىللەتنىڭ ، مۇسۇلمانلارنىڭ ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىسىدىكىلەرنىڭ  ياكى كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ھەر يەردە مەنپەئەت ئىزدەپ يۈرگەنلەرنىڭ قۇتراقىسىدىن كېلىپ چىققان، دەپ باھا بەرگۈچىلەرمۇ بار. ھەر كىمنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى،   باھاسىنى بېرىش ھەققى بار ئەلۋەتتە. لېكىن، مەيلى باھا بەرگۈچىلەر، مەيلى يېقىندىن ئىز قوغلاپ ئەھۋال ئىگەلىگۈچىلەر، مەيلى ئو دۆلەتلەردىكى خەلق بىلەن دىكتاتۇر يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئۇلارنى ئەپلەشتۈرمەكچى بولغانلار، ئارىلىرىنى تۈزەتمەكچى بولغانلار، توپىلاڭدىن پايدىلىنىپ توقاچ ئوغۇرلىماقچى بولغانلار بولسۇن، ھەر كىمنىڭ ئۆز خالىغىنى بويىچە ئىش قىلىش يولى ۋە ئۇسۇلى بولىدۇ، ھەم ئۇلار ئۆز پرىنسىپى بويىچە بۇنداق قىلىشتا  ھەقلىقمىز، دەپ قارايدۇ.

ئەمما بۇ يەردە يۈرەكلەرگە بىر قول سېلىپ بېقىپ ئۆزىمىزنىڭ قايسى تەرەپتە ۋە قايسى قاراشتا ئىكەنلىكىمىزنى ئويلاپ كۆرۈش بىر مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىز ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن. ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد سەلاللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامنىڭ : ئاللاھ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىيتقان بىر مۇئىمىن سۆز قىلسا ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى شۈك تۇرسۇن دېگەن ھەدىسى بىر مۆمىننىڭ ھەرقانداق بىر ۋەقەلىك ۋە ئەھۋالغا قارىتا بەلگىلەپ بەرگەن، ئىنسانلىقنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلتىدىغان بىر مۇئامىلە ئۆلچىمىدۇر. مېنىڭ بۇ يەرگە بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ ئېلىپ كېلىشىم ئەرەپ باھارى ھەرىكىتى يات مىللەت ياكى يات دۆلەتتنىڭ ئىشى، بىزنىڭ ھېچ چاتىقىمىز بولمىسۇن، دېگەنلىك ياكى ئۇلار خاس مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەممە تەرەپكە كۆز يۇمۇپ ئۇلار تەرەپتە ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ياخشى   سۆز بىلەنلا تەرىپلەش كېرەك دېگەنلىكمۇ ئەمەس.  ئىمانىمىز بىزگە شۇ نەرسىنى بىلدۈرىدىكى: بەزىدە شەر كۆرۈلگەن بىر ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خەيرىلىك، بەزىدە خەيرلىك كۆرۈنگەن ئىش بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شەر ھۆكمىدە بولىدۇ. ئەلۋەتتە قانداقلا بولىشىدىن قەتئى نەزەر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق  ۋە ھۆرلىكى ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان تەلەپ ۋە داۋالىرىنىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىغان، ئۆزلىرىمۇ زۇلۇمغا ئۇچراشتىن ساقلانغان ھالدا خەيرلىك بىر نەتىجىگە ئىرىشىشىگە، مەيلى قايسىلا تەرەپتىن بولسۇن ھەقسىز قان تۆكۈلمەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان، ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ھالدا بىر تەرەپ بولۇشىغا ياخشى گۇمان، ياخشى تىلەك، ياخشى دۇئادا بولۇش مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزدۇر، شۇنداقلا قايسىلا جەھەتتىن ئىمكانىمىز بولسا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردىمىمىزنى سونۇشىمىز مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزدۇر.

ئەمما بۇ يەردە قايتا بىر تەكىتلەشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى؛ بىزگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى، ھەقىقىي ئەركىنلىكىنى داۋا قىلىش ھەركەتلىرىنى باشلاتقىلى ئەڭ بۇرۇنى بىر ۋە بىرقانچە ئەسىرگە ئۇلىنىدىغان، ئەڭ قىسقىسى 60 يىلغا يېقىنلاشقان، ئەڭ يۈكسەك دولقۇنى بولسا يېقىنقى 20 يىلنىڭ  ئالدى ئارقىسىنى ئالغان ھۆرلۈك داۋاچىلىرى، بۇ يولدا ئەڭ ئېغىر بەدەل ئۆتەۋاتقانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ باھارنىڭ يۈنىلىشىگە ئەلۋەتتە پەرۋاسىز  بىر  مۇئامىلىدە تۇرالمايمىز. ئەلۋەتتە بۇ ھەرىكەتنىڭ يۈنىلىشى، تەرەقىياتى، نەتىجىسى بىزنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ. مەلۇم بىر پوزىتسىيەدە بولۇشىمىزنى كېرەك قىلىدۇ. بىز بىلەن ئەرەپ باھارىنىڭ داۋاچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىرلا پەرق ئۇلار بۇ ھەركەت ۋە داۋالىرىنى ئۆز ۋەتەنلىرىدە، دۇنيا تەشۋىقاتى، دۇنيا خەلقىنىڭ ھەر بىر ئىشىدىن خەۋەردار قىلىش ئىمكانىيىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدۇر. گەرچە ئۇ يەردىمۇ قان تۆكىلىۋاتقان، ئادەم تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان قىيىن قىستاقلار قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا دۇنيا خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئىمكانىغا ئىگە بولىۋاتىدۇ. تۆلىگەن ۋە تۆلەۋاتقان بەدىلى ئېغىر بولغان ۋە بولىۋاتقان تەقدىردىمۇ، قانچىلىك دەرىجىدە قىيىن شارائىت ئىچىدە قالغان ئەھۋالدىمۇ  يەنىلا مەلۇم نەتىىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە ۋە كەلتۈرۈش يولىدادۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا ۋە ئاخىرىغىچە خەيرىلىك ئاتا قىلسۇن،  ئامىن.  ئەرەپ باھارى يالغۇز باھار شامىلى ئۇلاشقان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگىلا ئەمەس بەلكى، بىز گىمۇ ئورتاق بىر دەرس ۋە تەجىربە ئېلىش پۇرسىتى بولۇپ كۆرۈلمەكتەدۇر. بىز بۇ پۇرسەتتە مېڭىپ كەلگەن ۋە مېڭىۋاتقان يوللىرىمىز، بىزنى غەلبىگە ئېرىشتۈرگەن ھەرىكەتلىرىمىز، بىزلەرنى بىر ئارىغا توپلىغان ياكى بىر- بىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرغان، پەرقلىقلەشتۈرگەن خىزمەت ئۇسلۈبلىرىمىز، تۈزىگەن، ئىجرا قىلماقچى بولغان ياكى ئىجرا قىلىۋاتقان پىلانلىرىمىز ھەققىدە يىراقنى كۆرەرلىك ھالدا قايتا ئىزدىنىدىغان بىر پۇرسەت دەپ بىلىشىمىز لازىم، چۈنكى ھەرئىشنىڭ ئاللاھنىڭ خالىشى، ھېكمىتى ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ،              ئىمانى كامىل بىر مۇسۇلمان، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئەۋج ئالغان ئەرەپ باھارىنىڭ ئىچىگىمۇ نۇرغۇن دەرس ۋە ئاللاھنىڭ بۈيۈك ھېكمەتلىرىنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىغىمۇ ئىمانى كامىل بولىدۇ. شۇڭا داۋا يولىدا يولغا چىققان ۋە بۇ يولدا داۋام قىلىۋاتقان ھەر بىرىمىز، ئەگەر سۆھبەتلىرىمىزدە ئەرەپ باھارى ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلغىدەك، پىكىر يۈرگۈزگىدەك، تونۇش ۋە باھالىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويغىدەك پۇرسىتىمىز بولغاندا بۇ ۋەزىيەتكە تەتبىقلاپ ھېچ بىر تەرەپنى ئەيىپلەپ، سۆكۈپ، ياكى ماختاپ كۆپتۈرۈپ قايناپ ، سۆزلەپ، ياكى ئىچ ئاغرىتىپ ۋايساپ كېتىشىمىزنىڭ ئورنىغا بىز بۇلاردىن ئۆزىمىز ئۈچۈن قانچىلىك پايدىلىق بىر دەرس چىقىرالايمىز، دېگەن مەقسەتتە مۇزاكىرە قىلىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ تىلىغا، ھىسىياتىغا ھاكىم بولغان ھالدا پايدىلىق بىر سۆ ز كەلىمىدە بولىشىغا تەۋسىيەدە بولىشىمىز، ئىكران بېشىدا ئولتۇرۇپ خەۋەرلەردە ئەكىس ئەتكەن، خۇددى مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ دۈشمىنى كۆرۈنىشىدە، مۇسۇلمان دۆلىتىدە بىر- بىرىنى قىرغاندەك بىر سەھنىلەرنى كۆرىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلىمىزگە پايدىلىق بىر چۈشەنچىنى  توغرا شەكىلدە چۈشەندۈرىشىمىز، ۋە بۇ پۇرسەتنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ  كەلگۈسى تارىخىمىزنىڭ سەھىبىلىرىگە يېزىلغىدەك بىر بۇرۇلشقا ئىمزا ئاتىدىغان بۇرۇلۇش بولۇش ئۈمىدىدە بولىشىمىزنى بىزگە ئەڭ يارىشىدىغان بىر تۇرۇش دېگەن قاراشتىمەن. بببىلسىلسك


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ