ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەر ـ ئايالنىڭ ھوقۇقلىرى ھەققىدە
دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋى

 بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك نىكاھ دېگەن مۇستەھكەم بىر رىشتە بولۇپ، ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ رىشتە ئارقىلىق بىر ئايال بىلەن بىر ئەرنى باغلىغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بۇرۇن بىر شەخس بولغان بولسا، تويدىن كېيىن بىر جۇپ دەپ ئاتىلىدىغان بولغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى سان جەھەتتىن بىر شەخس بولسىمۇ ھەقىقەتتە بىرى يەنە بىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، بىر ـ بىرىنىڭ دەرد ـ ئەلەم، ئارزۇ ـ ئارمانلىرىغا شېرىك بولىدىغانلىقى جەھەتتىن جۇپ ھېسابلىنىدۇ.قۇرئان كەرىم ئەر ـ ئايال ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىدىكى بۇ رىشتىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:<< ئۇلار سىلەن ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر>> [بەقەرە سۈرىسى187- ئايەت]بۇ تەسۋىرلەش، ئەر ـ ئايال ئىككەيلەننىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىگە كەلتۈرۈپ بېرىدىغان بىرلەشمەك، يۆگەش، ھىمايە قىلىش ۋە بىر ـ بىرىنى زىننەتلەش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر تەسۋىرلەشتۇر. شۇڭا ئەر ـ ئايال ئىككەيلەننىڭ بىر ـ بىرىگە قارىتا رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان ھوقۇقلىرى بار بولۇپ، بۇ ھوقۇقلار پەقەتلا ئەرلەرنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تەڭمۇ ـ تەڭ ھوقۇقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:<< ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىرى بار، (ئاياللارغا مەھرى بېرىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش جەھەتتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە >> [بەقەرە سۈرىسى 228 - ئايەت]ئۇ بولسا باشقۇرۇش ۋە مەسئۇللۇق دەرىجىسىدۇر. بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى نېمىلەر؟» پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭغا: «تاماق يېگەندە ئۇنىڭغىمۇ يېگۈزۈشۈڭ، كىيىم كەيگەندە ئۇنىڭغىمۇ كەيگۈزۈشۈڭ، يۈزىگە ئۇرماسلىقىڭ، سەت گەپ بىلەن تىللىماسلىقىڭ، يۈز ئۆرۈش چارىسىنى قوللانغاندا ياتىدىغان يەردىن باشقا يەردە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەسلىكىڭ» دەپ جاۋاب بەردى.ئۇنداق بولىدىكەن، مۇسۇلمان بىر ئەرنىڭ ئايالىغا ۋە ئۇنىڭ كىيىمىگە پۇل خەجلىمەي تۈرىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «باقىدىغان ئادەملىرىنى باقماي زايا قىلىۋېتىش ئىنسان ئۈچۈن ئېغىر گۇناھتۇر».ئايالىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇش ئەر كىشىگە جائىز بولمايدۇ، چۈنكى يۈزىگە ئۇرۇش ئىنساننىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى ھاقارەتلىگەنلىك بولىدۇ، ھەمدە پۈتۈن جىسمىنىڭ گۈزەللىكىنى جەملىگەن بۇ يۈزگە ئۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك.ئەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ئايالىنى زۆرۈر بولغاندا ئەدەبلىشى جائىز بولسىمۇ، يەنىلا ئايالىنى قاتتىق ئۇرۇش ياكى يۈزىنى زىدە قىلىش ۋە جان يەرلىرىگە ئۇرۇش جائىز بولمايدۇ.يەنە مۇسۇلمان ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا تىل ئازارى بېرىپ، سەت سۆزلەر بىلەن تىللاپ يۈرىشى توغرا ئەمەس. ئەر كىشىنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى بايان قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ئشەنگەن بىر ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىگە ئېرى ياقتۇرمىغان بىر كىشىنى كىرگۈزىشى ھالال بولمايدۇ، ئېرى رۇخسەت قىلمىسا سىرتقا چىقمايدۇ، ئېرىگە قارشى باشقىلارنىڭ سۆزىگە كىرمەيدۇ، ئېرىدىن ئايرىم يېتىۋالمايدۇ، جىسمانىي جەھەتتە ئېرىدىن كۈچلۈك بولسا ئېرىنى ئۇرمايدۇ، ناۋادا ئېرى ناھەق ئاچچىقلاپ قالغان بولسا، ئۇنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى ئۇقتۇرسۇن، ئېرى توغرا چۈشىنىپ كەتسە تېخى ياخشى، ناۋادا ئېرى يەنىلا رازى بولماي تۈرىۋالسا، ئايالىنىڭ قىلغىنىنى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ>> .

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ