ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-07 16:27:07 جەمئى 1332 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
7- ئىيۇل ئەنقەرەدە « 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى »نىڭ توقۇز يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يېغىن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلدى.
يېغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھېمىت قاراخان قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزى قىلدى . يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىننىڭ كىيىنكى قىسمىدا پروفېسسور دوكتور ئورھان قاۋۇنجى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، پروفېسسور دوكتور كۇنۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتارلىق ئاكادېمىكلار ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى، خىتاي ئۈرۈمچى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولـماي تۇرۇپ خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ