ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-23 15:51:09 جەمئى 20850 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى

ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى
21- ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى تەپسىلى ئاڭلىتىلدى.
يېغىنغا تەكىلىپ بىلەن قاتناشقان ئەنقەرە ئونۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى، د ئو ق نىڭ باش كاتىپى، دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى سۆزگە چىقىپ ، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە گۇۋاھلىق بىرىپ، ئۆزىنىڭ60 ياشلىق ئاچىسى نۇرئەلا خانىم ، ئىنىسى ئۆمەر ۋە ئەنۋەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن باشلاپ 13 كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىلىشتا ئەركىن ئەمەت ئەپەندى سۆز قىلىپ « خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا لاگېر يوق تېخنىكا تەربىيىلەش ئورۇنلىرى بار» دېگەن يالغان سۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى رېئاللىقىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەمەلى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىقتى مۇنداق دېدى:
خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقى مۇسۇلمان بولغانلىقى، تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. خەلقنى تۈرمە ياكى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن تاماقتىن بۇرۇن « بىسمىللاھ» دېيىش، مۇسۇلمانچە ئسىم قويۇش ياكى « تۈركىزات»، « تۈركىزات» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشنى باھانە قىلىۋاتىدۇ. ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنى ڧانئسىلامىز ياكى ڧانتۈركىزم دەپ ھەر خىل تۆھمەتلەرنى توقۇپ جازالاشقا باشلىدى. ھەتتا ئۇيغۇرچە دەرىسلىكلەرنى توختاتتى ۋە چەكلىدى. بىر قىسم زىيالىيلارنى، تۈرمە ياكى لاگىرلاردا قەستلەپ ئۆلتۈردى. شەرقىي تۈركستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ھاراق ئىچىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىدى.خىتاي خەلقىئالەم ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ