ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن كىم؟

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن كىم؟

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ئۆمرىنى شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ ھەق- ھوقۇق داۋاسى ھەمدە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەردىن بىرى.
ئەيسا يۈسۈن ئالىپتىكىن 1908- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئۇ شەرقىي تۈركستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى كۈرەش قىلغان ھەمدە 1947- يىلى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان.  1949- يىلى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە ھىجرەت قىلغان. 1954- يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلغا ئورۇنلاشقان.
ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركستان جەمئىيىتىنى قورۇپ شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنى باشلىغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن شەرقي تۈركستان داۋاسى يولىدا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ << شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت شەرىپى تۈركىيەگە مەنسۇپ بولسۇن!>> دېگەن مەشھۇر سوزى بار.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن 1995- يىلى 17- دېكابىر ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. 17- دېكابىر مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى چوڭقۇر ئەسلەيمىز ھەمدە ئاللاھتىن مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى  ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرىلىك بولىشىنى سورايمىز! 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ