ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈگۈنكى 8- مارت. دۇنيا ئاياللىرىنىڭ " بايرىمى" يەنى ئۆزلىرىچە بەختلىك سانالغان ئاياللارنىڭ "بەختلىك كۈنى" گە ئاتاپ
 

ئەڭ بەختلىك ئايال كىم؟

 

بۈگۈنكى 8- مارت. دۇنيا ئاياللىرىنىڭ بايرىمى يەنى ئۆزلىرىچە بەختلىك سانالغان ئاياللارنىڭ بەختلىك كۈنى گە ئاتاپ

قانچىلىك ئېچىنىشلىق بىر ئىش ئەسلىدە. يىلدا ئاران بىر كۈنى بەختلىك بولۇش. ئاران بىر كۈندە ئايال كىشىنىڭ قەدرى، قىممىتى، ئۇلۇغلىقى تەبرىكلىنىش. قالغان364 كۈن بولسا ئۇنتۇلۇش، دەسسىلىش، دەپسەندە بولۇش، تاۋار ئورنىدا سېتىلىش، قۇل ئورنىدا خارلىنىش. ئاياللىقى ئۇنتۇلغان ھالدا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئىشلاردا ئوخشاش ئۆلچەم تەلەپلەرە ، ئاياللىق نازاكەت، ئاياللىق خۇسىسىيەتلەرنى نەزەرگە ئالماسىن ئېغىر ئىشلاردا ئىشلىتىش. ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنىڭ نىكاھىدا ھەم ئايال، ھەم بالىلارنىڭ ئانىسى، ھەم ئۆينىڭ خىزمەتكارى، ھەم ئىقتىسادى كىرىمنىڭ كىرىشى ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك بولغان بىر ئايال بولۇش. 

ئادىل ۋە ئۇلۇغ، ھېكمەت ۋە كەرەم ئىگىسى بولغان ئاللاھ، مېھرى شەپقىتىدىن ھەتتا ئەڭ كىچىك كۆزگە كۆرۈنمەس ھاشارەتلەرگىمۇ رىزقىنى مول بېرىدىغان، زالىم ۋە كاپىر، مۇناپىق ۋە مۇشرىك ئاسىينىڭمۇ بۇ دۇنيادىكى رىزقىنى بېرىدىغان ئاللاھ ئايال كىشىنى ئاشۇنداق خار، مۇھتاج، ئاجىز، مەھكۇم ، مەزلۇم ياراتقانمىدۇ؟

ھەرگىزمۇ ياق. ئاللاھ ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى بولغان ئادەملەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە سەۋەپ بولغان، ئۇنى قۇرساقتىكى ۋاقتىدا ھامىلىلىكنىڭ تۈرلۈك ئازاپ ۋە ئېغىرچىلىقلىرىغا، بوۋاقلىق ۋاقىتىدىكى تۈگۈمەس خىزمەتكارلىقىغا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشتا تاكى چوڭ بولغىچە ئىھتىياجلىق بولغان خىزمەتلىرىگە مەسئۇل قىلغان ئاللاھ ئەسلىدە ئايال كىشىگە ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپنى بەرگەندۇر. ئاياللارنى ئىنسان بالىسىنىڭ ئانىسى، شەپقەت پەرىشىتىسى بولغانلىقى، يەر يۈزىگە خەلىپىلىك ۋەزىپىسى بىلەن يارىتىلغان ئىنسانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى قىلىش تەكلىپ قىلىنغان ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆلپىتى ، ئەڭ ياخشى ھەمراھى، ئەڭ ياخشى قوللىغۇچىسى، ئۇنىڭ روھىنى، جىسمىنى راھەتلەتكۈچىسى، ئائىلىدىكى ئىھتىياجلىرىنى قامدىغۇچىسى، ئەرلەر مۇھتاج بولىدىغان مەنىۋى مېھرى شەپقەت بىلەن تەمىنلىگۈچىسى قىلىپ ياراتقان.

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ خەلىپىلىك رولىدا قىلىدىغان ئىش تەقسىماتلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى بويىچە، ئەرلەرگە جىسمانى جەھەتتىن كۈچ، خارەكتىر جەھەتتىن شىجائەت قىلىدىغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارىتا  لازىم بولۇدىغان ئەقىل ۋە ھېكمەت بەرگەندۇر. ئاياللارغا بولسا ۋەزىپىسىگە يارىشا نازۇك بەدەن، مول ھېس تۇيغۇ، سەزگۈرلۈك ۋە پەرەز قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئەقىل ۋە  زىېرەكلىك... قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارنى بەرگەندۇر.

بېرىلگەن بەدەنى جىسىم ۋە مەنىۋى ئىقتىدارلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ھەرگىزمۇ ئەرلەرنىڭ ئەزىز ، ئاياللارنىڭ خار ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەستۇر. دىنىمىزدىن بولمىغان ئىنسانلارنىڭ بۇنداق سەپسەتىسى ئەرلەرنى ئەزىز يارىتىلغان دەپ ئازدۇرۇش ، كىبىرلەندۈرۈش، ئاياللارنى خار يارىتىلغان دەپ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ شەيتانى غەرەرزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما ئىسلام دىنىدا تۇرۇپمۇ ئاللاھنىڭ ئەر – ئايالنى يارىتىشتىكى بۇ ئالاھىدە تەقسىماتىنى خاتا چۈشۈنىپ ، بۇنىڭغا خاتا مۇئامىلە قىلىش، ئاللاھقا بولغان بىر تۆھمەتتۇر. (  بۇ خاتالىقتىن ئاللاھ ساقلىسۇن) . ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلار  ئىچىدە بۇ خاتالىقنى ئەرلەردىن بەكرەك ئاياللار سادىر قىلماقتا.

نۇرغۇن مۇسۇلمان ئەرلەر ئاياللارىنى ئەزىزلەپ، ئۇنى مېنىڭ ھايات دوستۇم، دوزاخقا بارىدىغان يولۇمنى توسۇپ قالىدىغان،جەننەتكە بارىدىغان يولۇمدا ياردەمچى بولىدىغان  سەپدىشىم، بالىلىرىمنىڭ ئانىسى، ئائىلەمنىڭ پەرۋىشچىسى، ھالال يولدىن تېپىپ بەرگەن مال- مۈلكۈمنىڭ ھالال ۋە توغرا شەكىلدە سەرپ قىلىنىشنىڭ  سەۋەپچىسى دەپ قاراپ ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بىراق، ئاياللار شەيتانى ئاڭ بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرغۇچىلارنىڭ شىرىن سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر بولۇشى كېرەك، ئاياللارمۇ ئەرلەردەك ھەر ھوقۇقتا تەڭ ئورۇندا تۇرۇش كېرەك.. . ھەق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك، دېگەن سەپسەتىلەرگە ئىشىنىپ بەزىلىرى بۇنى ئەرلىرىگە ئاغزىلىرىدا دېسە بەزىلەر ئەمەلىيىتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. كۆرۈنىشتە بوي سۇنغان،ئاغزىدا ھە دەپ قويغان بىلەن ھەر زامان بۇ  خاتا ئاڭنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىش ئاللاھقا بويسۇنۇش مەقسىدىدە ئىشلىتىشكە بويرۇلغان زېرەكلىكلىرىنى، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان ئىشتا، يەنى ئەرلىرىگە بوي سۇنماسلىقنىڭ تۈرلۈك ھېلە يوللىرىدا ئىشلىتىدۇ.. قايسى بىر مۇسۇلمان ئائىلىدە ئەر- ئايال ئوتۇرسىدا سۈركۈلۈش چىقسا ماھىيىتىگە قارىسىڭىز مانا بۇ مەسىلە ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

ئى مۇسۇلمان ھەمشىرەم! سىز ئەركىنلىكنى، ئىززەتنى، ھوقۇقنى ئەرلىرىڭىزدىن تالاشماقچىمۇ؟ سىزدە بۇلار يوقمۇ؟ ئاللاھ سىزگە بەرمىدىمۇ؟  

ئەلۋەتتە سىزگە ئىسلام سىز ئىھتىايجلىق بولغاننى ئارتۇقى بىلەن بەرگەرندۇر. ناۋادا سىز ئىسلام دىنىنىڭ  قۇرئاندىكى سۈرە ۋە سۈرە ئىسمى، ئايەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنالىرى، ھەدىس شەرىپ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئاياللار ھەققىدە نېمىلەرنى بۇيرىغانلىرىنى ، ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ئۆلگە قىلىپ قالدۇرغانلىقىنى، نېمىلەرنى ۋەسىيەت قىلغانلىقىنى  ئۆگەنگەن، بىلگەن،ئۇنى ھاياتتا ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولسىڭىز پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە ، دۇنياداىكى بارلىق ئەر ۋە ئاياللارغا: ئىسلامغا كېلىڭلار! دۇنيادا ئەڭ بەختلىك ئىنسان ئىسلامدا ! ئەبەدىي ئۆلمەيدىغان دۇنيادا جەننەتكە كىرىشىمىزنىڭ يولى ئىسلامدا!  فىردەۋىس جەننىتىگە كىرىشىمىزگە كېپىلىك قىلىدىغان ئەمەللەر ئىسلامدا! دەپ ۋاقىرغان، بۇ ھاياجاندىن ئاللاھنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئۇلارغا خاس بولغان ھۆرمەت، ئىمتىياز، ئەقىل، تۇيغۇ، ئىقتىدار ۋە ۋەدىلەر ئۈچۈن شۈكۈر سەجدىدىن باش كۆتەرمىگەن، يا رەببىم! مېنى مۇسۇلمان بىر ئايال، مۇسۇلمان بىر ئانا، مۇسۇلمان بىر بەندە قىلىش ئارقىلىق قانچىلىك دەرىجىدە چوڭ ئىھسان ئاتا قىلدىڭ، مېنى قانچىلىك دەرىجىدە ئەزىز ۋە  بەختلىك قىلىپ ياراتتىڭ، سەن ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايسەن، بىز پەقەت نادانلىق، جاھىلىق بىلەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلىمىز، بىزنى كەچۈر، بىزنى ھەدىس شەرىپتە بىشارەت بېرىلگىنىدەك  ئاياقلىرى ئاستىدا جەننەت بولغان ئانىلاردىن بولۇشقا مۇۋەپەق قىلغىن! دەپ دۇئا قىلغان بولاتتى.  

مۇنەۋۋەر  ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ