ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالىلاردىكى قان ئازلىقنى ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-12-30 17:41:47 جەمئى 51808 قېتىم ئوقۇلغان.

بالىلاردىكى قان ئازلىقنى ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى

بالىلاردىكى قان ئازلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇۋاپىق چارە كۆرۈپ ئالدىنى ئالمىسا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق، لېكىن قوللانغان ئۇسۇل توغرا بولمىسا ئەكىس تەسىر قىلىپ تېخىمۇ چوڭ كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.

بالىلاردىكى قان ئازلىقنى داۋالاش ئۈچۈن تۆمۈر ۋە ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش لازىم. ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش، بىر خىل ئوزۇقلۇقنى ئۇزۇن ۋاقىت بەرمەسلىك، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرلىشىگە تەسىر قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش كېرەك. پۇشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى بېرىش، قارا ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر(گۈرۈچ، قوناق قاتارلىقلار) ۋە سېللۇلوزا كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلماسلىق، پالەك بەرگەندە قايناق سۇدا بىر قېتىم چايقىۋېتىش، قەھۋە ۋە قارا چاي  ئىچكۈزمەسلىك، بالىنى تاماق تاللاتقۇزماسلىق كېرەك.

بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدىغان، ئائىلىدە تەييارلاشقىمۇ قولايلىق بولغان بىر قىسىم نەرسىلەر بار.

  1. 1.    موزاي، قوي، ئۆچكە بېغىرلىرىنى چالا كاۋاپ قىلىپ، ئۇنىڭغا زېرە، قارىمۇچ سېپىپ يېگۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  2. 2.    مۇۋاپىق مىقداردا بادام مېغىزى ۋە ئامۇت يېگۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  3. 3.    100 گىرام پالەكنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچكۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  4. 4.    مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىل ئۈزۈمنى چىلاپ(دەملەپ) ئىچۈرسە بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  5. 5.    بىر دانە تۇخۇم سېرىقىغا 200 گىرام يىلىكنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ يېگۈزسە، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  6. 6.    شاتۇت يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ، ناۋات سېلىپ قىيام قىلىپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15~30 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلدۇرسا، بالىلاردىكى قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

-        ساغلاملىق ھەققىدىكى تور بەتلەردىن

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ