ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا رۇخسەت
 

بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا رۇخسەت  

   دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاراداۋىئەگەر ئۇلۇغلاش ۋە ئىسراپ قىلىش نىيىتى بولمىغان ۋە يۇقىرىدىكى چەكلەنگەن نەرسىلەردىن بىرسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بىر خىل ھەيكەل بولسا ئىسلام بۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىدۇ. مەسىلەن: كىچىك بالىلار ئۈچۈن بوۋاق ۋە باشقا ھايۋاناتلار شەكلىدە ياسالغان ئويۇنچۈقلار بار. بۇ تۈردىكى سۈرەت ـ قورچاقلار كىچىك بالىلارنىڭ قولىدا ئوينىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغلانمايدىغان بىر نەرسە بولىدۇ.ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا قورچاقلارنى ئوينايتتىم، ئۇ بەزىدە ماڭا كىچىك ئاداشلىرىمنى ئەكىلىپ بېرەتتى، ئاداشلىرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە قورقۇپ مۆكۈنىۋېلىشاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ مەن بىلەن ئوينىشىنى ياقتۇرغاچقا ئۇلار مەن بىلەن ئوينايتتى»يەنە بىر رىۋايەتتە كېلىشىچە: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئائىشەگە قورچاقلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىغاندا ھەزرىتى ئائىشە: «قىزلىرىم» دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نېمە؟» دەپ سورىسا ھەزرىتى ئائىشە: ”قاناتلار“ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قاناتلىقمۇ ئات بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ھەزرىتى ئائىشە: ”داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ قاناتلىق ئاتلىرى بار ئىكەنمىش ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟“ دېدى، بۇ سۆزنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنگەنگە قەدەر كۈلدىئىمام شەۋكانى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە كىچىك بالىلارنىڭ ھەيكەل ۋە قورچاقلارنى ئوينىغىلى قويۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بار». ئىمام مالىكتىن: ئاتىلارنىڭ كىچىك بالىلىرىغا قورچاق ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىشىنى مەكرۇھ دەپ قارايدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. قازى ئەيياز مۇنداق دېگەن: «كىچىك قىزلارنىڭ قورچاق ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندۇر».تاتلىق يېمەكلىكلەردىن ياسىلىپ ھېيت ـ ئايەملەردەك كۈنلەردە سېتىلىدىغان ۋە يېيىلىدىغان ھەيكەللەرمۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىغا ئوخشاش.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ