<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىز تېرورىستمۇ؟ مېھماندۇست خوش پىچىم، قويدەك يۇۋاش، ئاق كۆڭۈل بىر مىللەت قاچاندىن بېرى تېرورىست بولۇپ قالدى؟ قاچاندىن باشلاپ دۇنيا كۈن تەرتىپىدە تېرورىست نامى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدۇق؟

 

بىز تېرورىستمۇ؟ مېھماندۇست خوش پىچىم، قويدەك يۇۋاش، ئاق كۆڭۈل بىر مىللەت قاچاندىن بېرى تېرورىست بولۇپ قالدى؟ قاچاندىن باشلاپ دۇنيا كۈن تەرتىپىدە تېرورىست نامى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدۇق؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەگەر راستىنلا " تېرورىست" بولۇپ قالغان بولساق بىزگە بۇ تېرورىستلىق تەلىماتىنى كىم بەردى؟ ئۆلۈمدىن قورقماي ئۆزىنىڭ ھاياتى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ¸بالا – ۋاقىسىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان پالاكەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ھېچنېمىگە قارىماي ئۆلۈمگە ئېتىلىش پارتىلىتىش، ئۆلتۈرۈش، يوق قىلىشتەك " جىنايەتلەر" نى قىلىش كۈچىنى نەدىن ئالدى؟

بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خۇددى جاللات خىتايلار بىزگە " تېرورىست" دېگەن  شەرەپلىك قالپاقنى كەيگۈزۈپ، نۇرغۇن بالىلارنى يېتىم، نۇرغۇن ئاياللارنى تۇل، نۇرغۇن ئانا ۋە دادىلارنىڭ باغرىنى قان قىلىپ ، خالىسا ۋەھشىلىك بىلەن قىيناش، خالىسا ئوققا تۇتۇش، خالىسا بەدىنىنى بارچىلاش، خالىسا توك بىلەن كۆيدۈرۈش، خالىسا ئوتۇن ياققاندەك ئوتتا يېقىش، خالىسا ئەخلەت كۆمگەندەك جەسەتلىرىنى كۆمۈش، ئەڭ يەڭگىل بولغاندا دۇنيالىققا تويمىغان چەتئەلدىكى مۇناپىقلارنىڭ قولى ئارقىلىق سېتىۋىلىپ قولغا چۈشۈرگەنلەرنى ، ئەكىلەلسە خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىپ خالىغانچە ھۆكۈم قىلىش، قولىدىن كەلمىگىنىنى تۇتۇلغان دۆلەتلەردە ئۆمۈرلۈك تۈرمە ھاياتىغا مەھكۈم قىلىش ئارقىلىق بىزنى يوق قىلىشلا ئەمەس، يوق قىلغاندىمۇ دۇنيا ئەھلى ئالدىدا يامان نامىمىز بىلەن "بۇ مىللەت يوق بولۇشقا ھەقلىق ئىدى"  دېگۈزۈش ئۈچۈن بىزنى زورلاپ " تېورورىست" قىلماقتا.

ئەسلىدە ئەخلاقى، ئىمانى، كىشىلىك شەخسىيىتى تېرورىستلىق خۇلقىدىن يىراق بولغان " قوي مىجەز" بىر مىللەت " تېرورىست" ئىسمىغا لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يۇقىرقىدەك بېسىم تەربىيەسى ئاستىدا " ھەقىقى تېرورىست " بولدى.  يەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان، شۇنداقلا خىتاي دۆلىتىنىڭ يۈرىكى ھېساپلىنىدىغان  تىئەنمىن مەيدانىدا  ماشىنا بىلەن پارتىلىتىش ئېلىپ بارالايدىغان " تېرورىست" بولۇپ چىقتى.

بارىكاللاھ ئۇلارغا ! بۇ ۋەقە خىتايدەك، ئۆزىنى شىر باشقىلارنى توشقان سانايدىغان قەغەز يولۋاسلارغا نىسپەتەن ئىنتايىن " خىجىل قىلارلىق ئىشتۇر. ناۋادا دۇنيا ئەھلى ئالدىدا بۇ ئىش سەۋەپ بىلەن خىتاي مۇخبىرلارنىڭ قولىدىكى ئاپىراتلارنى تارتېۋالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ ئېنىق ئىسپاتى. بىر دۆلەتنىڭ شۇنچىلىك مۇستەھكەم قوغدىلىۋاتقان مەيدانىغا نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق يولدىن كەلگەن ماشىنا بىلەن ئۈسۈپ كېرىش... بۇ ئوغلانلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن! ئۇلارغا يەنە مىڭلاپ بارىكاللاھ  بولسۇن. كومىنست دېكتاتۇرلىقىدا  ۋە چۈرۈك خىتاي سىياسىتىدە قان – ياشقا بۇغۇلغان ئۇيغۇر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىدىن بولغان مىليارتىن ئاشقان خىتاي مىللىتىدىن بولغان ىخى ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىدىكى ئاچچىق زەرداپىغا مەلھەم بولغىدەك بۇ ۋەقەنى چىقارغان ئوغۇللارنى تۇغقان ئانىلارغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

ئۆزىمىز تۇغۇلغان يۇرتىمىزدا ئۆز پۇلىمىزغا ئېلىپ كىيگەن كىيىملەر بىلەن ئۆرپە- ئادىتىمىز بويىچە يۈرەلمىسەك، دىنىمىزنى ئەركىن ياشىيالمىساق، ئۇ مەھەلىدىن بۇ مەھەلىگە ئەركىن بېرىپ كېلەلمىسەك، بىر يېتىم ۋە مۇھتاجغا ياردەم قىلايلى، دېسە نېمە مەقسىتىڭ بارتى ؟ دەپ سوراققا قالساق، چەتئەلدىكى ئۇرۇغ- تۇغقىنى ئۇچۇر –ئالاقە قىلغانغا نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم بولساق. قولىمىزدىكى مال- مۈلۈك، ئۆي ۋارانغا تېخى ئىگە بولالمىساق، ئانىلارنىڭ قورىسىقىدىكى ئاللاھ بەرگەن  ھامىلە بوۋاقلارنى تېخى خاتىرجەم دۇنياغا كەلتۈرەلمىسەك، قوشنىلارنى بىر- بىرىگە " قارانچۇق " قىلىپ قويغانلىقتىن " تېنچلىقمۇ؟ دېيىشتىنمۇ قورقۇپ ياشىساق، كەلمەيدىغان قانداق غەزەپ ئۇ؟ ئەمدى ئالمىغان بۇ ئىسسىق جان قالدى! دېمەيدىغان قانداق ۋىجدان ئۇ؟

ئوڭ قولىقىغا ئەزان، سول قولىقىغا تەكبىر چۈشۈرۈلۈپ ئىسىم قويۇلغان مۇسۇلمان ئوغلانلىرى ئەلۋەتتە ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى يوق ئىنسانلاردىن ئىمانى ۋە ۋىجدانى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئەگەر ئىنساندەك ياشاش ئەركىنلىكىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنسىمۇ ماقۇل دەيدىغان ، پارتىلىماي جىم تۇرىدىغان قانداق ۋىجدانكەن ئۇ؟

ۋەھشى ھايۋاننىڭ ھۇجۇمى ھەتتا بالىسىنى قوغداش ئۈچۈن بىر قوينى، بىر توخۇنى شىرغا ئايلاندۇرغىنىدەك ، ۋەھشى دېكتاتۇرا تۈزۈمى " قويدەك يۇۋاش مىللەت" بولغان ، "بىز سىلەرگە ياردەم قىلغىلى كەلدۇق" دېسە ئالدىغا گۈل كۈتۈرۈپ، چاي دەملەپ، تاماق ئېتىپ چىققان، ئۆيلىرىنىڭ تۈرىگە باشلاپ قورسىقىنى تويغۇزغان بىر مىللەتنى ئاخىرى " تېرورىست " قىلىپ  يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بىز ناۋادا ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك تېرورىست بولغان بولساق بۇمۇ زالىم خىتاي دېكتاتۇرلىقىنىڭ بىزگە قاراتقان ۋەھشىيلىكىنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بىر تۆھپىسىدۇر.

قايەردە زۇلۇم قاتتىق بولسا شۇ يەردە قارشىلىق قاتتىق بولىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئەڭ كىچىك بالىسىمۇ بىلىدىغان بىر ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي تور بەتلىرىدە بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارىتا " بارىكاللاھ " ساداسى بارغانسېرى يۈكسەلمەكتە.

ئەلۋەتتە ھەر قېتىمقىدەك بۇ ۋەقەدىن كېيىن يەنە بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملار قايتا ئەۋج ئېلىشى مۆمكىن. بۇ يېقىندىن بېرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇيغۇر ئوۋىغا چىققان ئىتلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۆمكىن. بىراق ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ مىللەت ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمەيدىغان، قىرىپ ئازلىتالمايدىغان، باستۇرۇپ ئاۋازىنى، تۇتۇپ قول – پۇتىنى ھەرىكەتتىن توختۇتىتالايدىغان مىللەت ئەمەسلىكىنى، قانچلىك زۇلۇم ۋە ۋەھشىلىك كۆرگەنسىرى، ئوتتا تاۋلانغان پولاتتەك بارغانسېرى قاتتىقلىشىدىغان ، قەيسەرلىشىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىنى ھەر كىشىگە تونۇتىدىغان كۈنلەر كەلمەكتە. خىتاي " ئۆزى ئىجات قىلغان" تېرورىستلار" لارنىڭ ئەسلىدە كىملەر ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتىدىغان،"مۇسۇلمانلار تېرورىست" دەيدىغانلارنىڭ بۇ كەلىمىنىڭ لوغەت مەنىسى ھەققىدە قايتىدىن بىر ئويلىمىسى بولمايدىغان  كۈنلەر كەلمەكتە.

ھەق ئۈچۈن مەيدانغا كۆكرەك كېرىپ زالىمغا مۇش كۆتەرگەنلەر " تېرورىست" ئاتالسا ، دۇنيا  شۇنداق "تېرورىستلار"لارغا ھەقىقى مۇھتاجدۇر.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ