ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۇرسادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-08 15:32:29 جەمئى 1985 قېتىم ئوقۇلغان.

بۇرسادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

بۇرسادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى
6- ئۆكتەبىر تۈركىيىنىڭ بۇرسادىكى ئۆردەكلى كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت سالۇنىدا «زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
پائالىيەت بۇرسادىكى ئاي يۇلتۇز ياشلىق ۋە تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ھەمدە ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتتە ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى قىسقىچە تۇنۇشتۇردى. ئارقىدىن دوكتور ھامۇتخان گۆكتۈرك سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىش سەۋەبى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇردى.
دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىرەر پىلانى بارمۇ؟» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئەما كۆرەلەيدىغان، گاس ئاڭلىيالايدىغان، گاچا سۆزلىيەلەيدىغان زۇلۇم بولۇۋاتسا تۈركىيە نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟ دېگەنلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بىلگە قاغاننىڭ تىلى بويىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ پۇلىغا ئالدانماسلىقنى، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ