<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سىزگە ئاكتىپلىق بىلەن تېلىڧۇن قىلغان، ئۇچۇر يوللىغان كىشىنى قەدىرلەڭ، چۈنكى ھېچكىم ئۆزى دېققەت قىلمايدىغان كىشىنى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ.

سىزگە ئاكتىپلىق بىلەن تېلىڧۇن قىلغان، ئۇچۇر يوللىغان كىشىنى قەدىرلەڭ، چۈنكى ھېچكىم ئۆزى دېققەت قىلمايدىغان كىشىنى ئىزدەپ يۈرمەيدۇ.

ھەر قېتىم ئازاپلانغان ۋاقتىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولغان ئادەمنى قەدىرلەڭ.

سىزگە  (ياخشى ئاڭلىنىدىغان) لەقەم قويغان كىشىنى قەدىرلەڭ. چۈنكى ئۇ سىزنى ئۇنتۇپ قويماي ئېسىدە ساقلاش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ.

سىزگە ھەر دائىم خۇش- چاخچاق قىلىدىغان كىشىنى قەدىرلەڭ، بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە بەلگىلىك بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۇرىدۇ.

كۆڭلۈڭىزنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ بايقىغان، ئەكسىچە خۇشال بولغانلىقىڭىزنى ئەڭ ئاخىردا بايقىغان ئادەمنى قەدىرلەڭ.

سىزگە ياردەم قىلغان كىشىنى بولۇپمۇ قولىدىن كەلسە ھېچنېمىگە قارىماي ياردەم بېرىدىغان كىشىنى قەدىرلەڭ.

سىز ئۈچۈن ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرغان ئادەمنى چوقۇم قەدىرلەڭ. چۈنكى ھەممە ئادەم سىزنى قوللاشنى خالاۋەرمەيدۇ.

يېنىڭىزدىكى ساددا،ياۋاش كىشىلەرنى قەدىرلەڭ. چۈنكى ئۇلار ئاق كۆڭۈلىكى بىلەن باشتىن ئاخىر سىزگە ھەمراھ بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار سىزدىن مەنپەئەت تەمەسىدە بولغان بولسا ئەلۋەتتە دائىم سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولمىغان بولاتتى.

  مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

مەنبە:"تورداشلار"


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ