ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۇ ھاقارەتلەر زادى قاچان توختايدۇ؟

بۇ ھاقارەتلەر زادى قاچان توختايدۇ؟
28- ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلىق كۆرۈنۈشكە ئاساسلانغاندا، خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى رامىزان كۈنلىرىدە ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرى قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي رىجىمى ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۆزىگە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنى رامىزان كۈنلىرى تاماق يىيىشكە مەجبۇر قىلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ئالدىنقى يىلى بولسا خىتاي رېجىمنىڭ روزا تۇتقان مۇسۇلمانلارنى بىر ئورۇنغا يېغىپ تاماق يىيىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى ھەققىدىكى سىنلىق كۆرۈنۇش خەلقئالەمگە ئاشكارا بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل يولسىزلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دېققىتىنى چەككەن ئىدى.
ئالدىنى يىللىرى ئىسلام دۇنياسىغا جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىغان يولسىزلىقلىرىغا نە ئىسلام دۇنياسى، نە شەرقىي تۈركىستان داۋاچىلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق ھەرىكەت، ئاددىيسى بىرەر ئىنكاس بولمىغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي رىجىمى بۇ يىل تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ رامىزان كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىسلامدا ھارام قىلىنغان ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ