ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۈگۈن بىزگە ماتەم كۈن

بۈگۈن يەنى 10 –ئاينىڭ 1 – كۈنى خىتاي بايرام دەپ تەبرىكلىگەن ، ئەمما شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈچۈن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ سىياسەتتە ئالدانغان ۋە شەرقىي تۈركسىتان زېمىنى ئىشغال قىلىنغان ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۈگۈن ئىشغالىيەتچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ھىيلە – نەيرەڭلىرى بىلەن ئاقكۆڭۈل خەلقىمىزنى ئالداپ ئىشغال قىلىۋالغان كۈن.
شەرقىي تۈركسىتان خەلقى تارىختا ئونلارچە دۆلەت ۋە ئىمپىراتورلۇقلارنى قۇرۇپ مۇستەقىل ھۆر ياشاپ كەلگەن . ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ بىر ئاللاھقا قۇللۇق قىلىپ، ئۆز ۋەتەن – تۇپراقلىرىنى جاھانگىر ئىشغالچىلاردىن قوغداش يولىدا ئەزىز مىللىتىمنىڭ نۇرغۇنلىغان پەخىرلىك ئوغلانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلىپ شەھىد بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ.
ياقۇپبەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتىدىن كېيىن، 1933 – يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى، 1944 – يىللاردا ئويغىنىپ ئىشغالىيەتكە قارشى جەڭگە ئاتلاندى، ھەمدە گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى، بىراق شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ستالىن – سوۋىت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ 1949 – يىلى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرىمىزنى ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى دېگەن، باھانە بىلەن يوق قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالدى.
1949 ـ يىلى 15 ـ ئاۋغۇست كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى 8 كىشىلىك شەرقىي تۈركسىتان ۋەكىللىرى رۇسلارنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئايرۇپىلان بىلەن يولغا چىققان كېيىن سوۋېت ئىركۇتىسكىدىكى تاشقى بايقال كۆلى ئەتراپىدا ئايرۇپىلان تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ ئايروپىلاندىكى پۈتۈن رەھبەرلەرنىڭ قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان، ھەمدە تونۇغىلى بولمايدىغان ھالەتتىكى جەسەتلەر شەرقىي تۈركسىتانغا كەلتۈرۈلگەن. بىراق رەھبەرلەرنىڭ ئۇ ئايروپىلاندا ئەمەسلىكى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ دىكتاتور جاللات ستالىن تەرىپىدىن موسكۋا ئەتراپىدا بىر تۈرمىگە قامىلىپ قىيىن – قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان. چۈنكى ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەك قاتارلىق رەھبەرلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممونىستىك ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان ۋە ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي قوماندانلارمۇ سۈيقەسىتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن 40 مىڭ كىشىلىك شەرقىي تۈركسىتان مىللىي ئارمىيىسى قوماندانسىز قالغان.
بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن، رۇس ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن مۇڭغۇلىيەنى مۇستەقىل قىلىش بەدىلىگە شەرقىي تۈركسىتاننى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىگە ئوخشاش قورچاق كوممۇنىستلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. سەيپىدىن ئەزىزى رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى يىل قالماقچى بولغان ۋە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلماقچى بولغان. بۇ كېلىشىم بويىچە ۋاڭ جىن دېگەن خىتاينىڭ قۇماندانلىقىدا شەرقىي تۈركسىتانغا كىرگەن خىتاي قىزىل پاچاق ئارمىيىسى، گومىنداڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاپ چىقىپ كېتىمىز دېگەن، باھانە بىلەن قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان دىنى ئالىملارنى، زىيالىيلارنى ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.
1950 -يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش»، «ئىجارە كېمەيتىش»، «يەر ئىسلاھاتى» دېگەندەك ناملار ئاستىدا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقانلارنى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر جەڭچىلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، بايلار، ۋەتەنپەرۋەر ئالىم – ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار بولۇپ يۈز مىڭلىغان ئادەمنى تۈرمىگە تاشلىغان. مىڭلىغان يەرلىك خەلق ۋەكىللىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1951-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەكسىل ئىنقىلابچى، پانتۈركىست، پان ئىسلامىزم دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن، ئوسمان باتۇر، مۇھەممەت ئىمىن، چىڭگىزخان داموللام، قۇربان قوداي قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق مۇھىم شەخسلەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
شۇنداق قىلىپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1955 _ يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتاننى، ئاتالمىش « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىپ پۈتۈنلەي خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي كوممۇنىست قىزىل پاچاق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ئالىم – ئۆلىما ۋە زىيالىلىرىمىزنى تۈرمىگە قامىدى ياكى يوق قىلدى. دىنى ئىتىقاد ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. قۇرئان كىرىمنى ۋە دىنى، مىللىي كىتابلارنى كۆيدۈردى، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەر تاقىدى ياكى توڭگۇز باقىدىغان ئېغىلغا ئايلاندۇردى. مەكتەپلەرنى تاقاپ خەلقنى ساۋادسىز، ۋە ئاچ قويدى. بۇ ناھەقچىلىكلەرگە قارشى چىققان ۋە ياكى قارشى چىقىشقا چاقىرق قىلغان ۋەتەنپەرۋەر ئالىملىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز زىندانغا تاشلاندى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم قىلدى ۋە قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ باردى. خىتاي بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئەمما شەرقىي تۈركسىتان خەلقى خىتاي ئىشغالىيىتىگە ھەرگىز باش ئەگمىدى، زۇلۇمغا ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى ئازادلىق ھەرىكىتىنى بىر كۈنمۇ توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.
مۇستەقىل – ھۆر ياشاش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن قىممەت قاراش بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ شۇنچە زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا باش ئەگمەي قارشى تۇرماقتا.
بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. ھۆر – مۇستەقىل ياشاش ئىرادىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. بىر كۈنى چوقۇم تارىختىكىگە ئوخشاش مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەركىن ياشايدىغانلىقىمىزغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچىمىز كامىل.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ