ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىر مۇسۇلماننىڭ دىنى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە غىزالانمىسى ئائىلىسى ۋە بالا- ۋاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە غىزالانمىسىدىن بەكرەك پەزىلەتلىك
 

بېرىلگەن يېمەك- ئىچمەكلەرنى خور كۆرمەسلىك

 

بىرسى تەرىپىدىن يېيىش ۋە ئىچىش ئۈچۈن بېرىلگەن ھەرقانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرۈشكە قەتئى بولمايدۇ.ساھابىلاردىن بىرى: بىز باشقىلارغا يىيىش ئۈچۈن سۇنۇلغان نەرسىنى تۆۋەن كۆرگەن ئادەم گۇناھكارمۇ ياكى يەيدىغان نەرسىسىنى ئاددىي كۆرگەنلىكىدىن باشقىسىغابەرمىگەن ئادەم بەكرەك گۇناھكارمۇ  بىز بۇنى بىلەلمەيتۇق، دېگەن.

ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ھەسەن رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى ئۇلۇقى بىلەن بىر يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يولنىڭ چېتىدە ئولتۇرۇشۇپ تاپقان ئازراق نان پارچىلىرىنى يېيىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارغا سالام بېرىدۇ.سالامدىن كېيىن ئۇلار: ئى رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرىسى ! كەلگىن ، بىزنىڭ يېگىنىمىزگە ئېغىز تەككىن،دەپ چاقىرىشىدۇر.

ھەسەن رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: ئەلۋەتتە ئاللاھ تەئالا كىبىرلەنگەن ئىنسانلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دەپ ئارقىغا يېنىپ، ئۇلۇغىدىن چۈشۈپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەردە ئولتۇرۇپ بىرئاز يېگەندىن كېيىن  تەكرار ئۇلارغا سالام بېرىپ ئۇلۇقىغا مېىنىپ كېتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىمىزدا بىر مۇسۇلماننىڭ دىنى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە غىزالانمىسى ئائىلىسى ۋە بالا- ۋاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە غىزالانمىسىدىن بەكرەك پەزىلەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ