ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش باشلاندى

تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش باشلاندى

24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزلىرى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئەنقەرە ۋاقتى 08:00 دە باشلاندى.

نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزلىرى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئەنقەرە ۋاقتى 08:00 دە باشلاندى.

تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش 24-ئىيۇن ئاخىرلىشىدۇ.

چەت ئەلدىكى سايلىغۇچىلار تىزىملىك كۆتىكىدە ئىسمى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرى 60 دۆلەت ۋە 123 ۋاكالەتخانىدا تەسىس قىلىنىدىغان سايلام ساندۇقىغا 19-ئىيۇنغىچە ئاۋاز تاشلىيالايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاۋاز بېرىش ۋاقىتلىرى تۆۋەندىكىچە:

گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە: 19-7-ئىيۇنغىچە

ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ: 17-9-ئىيۇنغىچە

دانىيە: 19-9-ئىيۇنغىچە

نورۋېگىيە: 19-14-ئىيۇنغىچە

ئىتالىيە، تۈركمەنىستان: 17-15-ئىيۇنغىچە

بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېيتسارىيە: 19-15-ئىيۇنغىچە

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، كانادا، بۇلغارىيە: 18-16-ئىيۇنغىچە

ئەنگلىيە: 19-16-ئىيۇنغىچە

خىتاي، رۇسىيە، رۇمېنىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين، گىرېتسىيە، لىۋان، ئىسىرائىلىيە، ئۇكرائىنا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، ئالجىرىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكېدونىيە، سۇدان: 17-16-ئىيۇنغىچە

ئەزەربەيجان، ئالبانىيە، ئىراق، ئىران، ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە، مىسىر، مالتا، ئۆزبېكستان، سېربىيە، چېخىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، جەنۇبىي ئافرىقا، گىرۇزىيە، ياپونىيە، كوسوۋۇ، كۈۋەيت، مولدوۋا، سىنگاپور، تايلاند: 17-ئىيۇن

ھەر قايسى دۆلەتلەردە تاشلانغان ئاۋازلار بۇرۇنقى سايلاملاردا بولغىنىدەك، ئايروپىلان ياكى دىپلوماتىك يول بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. 24-ئىيۇن تۈركىيەدە سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سانىلىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ