ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-19 18:37:38 جەمئى 7221 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدى


تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدى
قەدىرلىك قېرىنداشلار! خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز باستۇرۇش سىياسەتلىرى، خەلقىمىزنى ئىرقى قىرغىن قىلىش قىلىشلىرى دۇنيا سىياسى كۈنتەرتىپىدە جىددى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قەلبى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سەۋەبىدىن تۈركىيىدىكى سىياسەتچىلەر نۇرغۇن مەسىلىلەرگە سۈكۈتتە تۇرماقتا.
مانا مۇشۇنداق پاسسىپ ۋەزىيەتتە خەلقىمىزنىڭ شۇنداقلا يەرلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۆلەت مەسئۇللىرىغا يەتكۈزۈش، جامائەت پىكىرى توپلاپ ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مەقسىتى بىلەن «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى» ، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى»، « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى» گە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىدۇق.
بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ۋە پۈتۈن دوست-بۇرادەرلىرىگە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئاۋازىمىزنى كۈچلۈك بىر شەكىلدە دۆلەت رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈشكە ھەسسە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ