ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈرمىدە ۋاقتى توشقانلارنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-03 10:00:50 جەمئى 2151 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈرمىدە ۋاقتى توشقانلارنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈرمىدە ۋاقتى توشقانلارنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى ئاشكارىلاندى
2- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان چوك بىر لاگېرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىلىك « 4- تېخنىكا تەبىيىلەش مەركىزى»نى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، لاگېردا 20 ياشتىن 76 ياشقىچە 2000 تۇتقۇننىڭ بار ئىكەنلىكى، بۇ لاگېردا دېگۈدەك ساقال قويغان ياكى چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىق باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان كىشلەرنىڭ بارلىقى، ئۇندىن باشقا بۇ لاگېرغا تۈرمىدە ۋاقتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ سولانغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە، لاگېردىكى تۇتقۇنلار بىر كۈندە 4 سائەت خىتايچە ئۆگىنىشكە ، 4 سائەت خىتاي قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، كەچتە ئىككى سائەت كوممونىستىك پارتىيىسىنى ماختايدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇر قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، مەزكۇر لاگېردا 150 گوندىپاي بار بولۇپ، ھەربىر گوندىپاي 15 تۇتقۇننى ھۆددىگە ئالغانلىقى، گۇندىپايلار ھەر كۈنى تۇتقۇنلارنىڭ پوزىتسىيىسى، ئۆگىنىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ نومۇر قويۇپ ماڭىدىغانلىقى، ئىپادىسى ياخشى بولمىغان، باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان، پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولىۋالغان تۇتقۇنلارنى قارا ئۆي ياكى بەندخاناغا يالغۇز قاماپ خورلايدىغانلقى، بەندخانىدا قولىغا كويزا سېلىپ كويزىنى بىلەن دېرىزە راشاتكىسىغا پۇتى يەرگە تېگەر- تەگمەس 24 سائەت ئېسىپ قويىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە، يەنە، مەزكۇر لاگېردىكى تۇتقۇنلار قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوبورنىغا چىققاندىنمۇ قوراللىق ساقچىلار بىرگە ئېلىپ چىقىدىغانلىقى، ئوبورنىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنى ئارانلا ھەپتىدە ئىككى قېتىم شامالداشقا ئېلىپ چىقىدىغانلىقى، شامالداش ۋاقتىنىڭ 15 مىنوتتىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ