ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھەدىس شەرىپتە:" ئاللاھنىڭ ساڭا تەقدىر قىلغىنىغا رازى بولساڭ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بايلىرىدىن بولۇسەن"، دېيىلگەن.
 

تۈگىمەس غەزىنە- قانائەت

 

ئاللاھ تەئالاھ سۈرە زۇھرۇفنىڭ 32- ئايىتىدە « بىز ئۇلارنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق» دەيدۇ

ھەدىس شەرىپتە: ئاللاھنىڭ ساڭا تەقدىر قىلغانغا رازى بولساڭ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بايلىرىدىن بولۇسەن. مۇھەقەقكى، ئاللاھنىڭ تەقسىم قىلىپ بەرگىنىگە رازى بولغاننىڭ دىلى توق بولۇدۇ. بۇنداق ئىنسان باشقىلارنىڭ قولىغا قارىمايدۇ. قانائەت پۈتمەس- تۈگۈمەس غەزىنىدۇر.

قانائەت بىلەن بايلىق ۋە مال- دۇنياغا ئىگە بولغىلى بولۇدۇ. قانائەت قىلغان پېقىر ئادەم باي بولۇدۇ. كىمكى قانائەت قىلمىسا باي بولغان بىلەنمۇ كەمبەغەل ھېساپلىنىدۇ.

يەتكىدەك مىقتاردىكى نەرسىگە قانائەت قىلغان ئادەم ئىففەتلىك قىلىدۇ.

كىمكى تەقدىرىگە رازى بولسا ئاز بىر نەرسىگە قانائەت قىلىدۇ.

دۇنيادا ئىنسانىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار ئىنساننىڭ ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەستۇر. قۇتۇلۇپ قېلىشى بولسا ئۇ ئىنساننىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئەمەستۇر. كىمكى بىر كىشىنىڭ قولۇمدىن چىققىپ كەتتى  دەپ قايغۇرىدىغان دۇنيالىق پۇرسەتلەرگە  نەزەر سالمىسا  ، ئۇ  ئادەم ھۇزۇرلۇق بولۇدۇ. راھەتنىڭ ھەممىسى، ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇش ۋە ئىمكانىغا يارىشا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بولۇدۇ. قايغۇلۇق ئىشنىڭ ھەممىسى ئۆتكەنگە قايغۇرۇش، كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن ئەنسىرەشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەقىقى تەقۋا مۇسۇلمانلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولسا ئۆتكەنگىمۇ قايغۇرمايدۇ، كەلگۈسىدىنمۇ ئەنسىرمەيدۇ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ