ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تەتقىقاتتا دىندار ياشلار ھاياتىنىڭ خۇشال ئۆتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-20 15:45:04 جەمئى 2998 قېتىم ئوقۇلغان.

تەتقىقاتتا دىندار ياشلار ھاياتىنىڭ خۇشال ئۆتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

 

19- سىنتەبېر تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا ئىبادىتىنى ئادا قىلىدىغان ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە تېخىمۇ ساغلام بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

خارۋارد  ت. ھ. چەن ساقلىقنى ساقلاش مەكتىپى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، ئائىلىسى بىلەن ياكى ئۆز ئالدىغا دىنى ئىبادەت ۋە مۇراسىملارغا قاتناشقان 8 ياشتىن 14-ياشقىچە بولغان تەخمىنەن 5020 ئۆسمۈرنىڭ 20ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى جىسمانىي ۋە روھىي ئۆزگىرىشلىرى كۆزىتىلدى.

تەتقىقات نەتىجىسىدە ھەپتىدە ئەڭ ئاز بىر قېتىم دىنى خىزمەتكە قاتنىشىدىغان بالا ياكى ياشنىڭ  20ياشقا كەلگەندە، دىنى خىزمەتكە پەقەتلا قاتنىشىپ باقمىغانلارغا قارىغاندا %18 تېخىمۇ خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئوخشاشلا دىنى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىدىغان ئۆسمۈر ۋە بالىلارنىڭ 20 ياشقا كەلگەندە خالىسانە خىزمەتلەرگە قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %30 كۆپ ئىكەنلىكى، شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك چىكىشكە مايىللىقىنىڭ %33 ئاز ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تەتقىقاتتا ھەر كۈنى ئىبادەت قىلىدىغان ياكى چوڭقۇر ئويغا بېرىلگۈچىلەرنىڭ پەقەتلا ئىبادەت قىلمايدىغانلارغا قارىغاندا قانائەتكار ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ھېس-تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى لىڭ چەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ساغلام ھەرىكەت ۋە ئائىلە بولۇش چۈشەنچىسىدە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تەتقىقات شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بالىلارنى دىندار قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ بالىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام چوڭ بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ