ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

: ناۋادا سىزلەر مېنى قارى قىلمايدىغان بولساڭلار ئىسمىمنى يازغۇزمايمەن

 

جەننەتلىك قارى قىزچاق

(بىر قۇرئان كۇرسىنىڭ ئۇستازىدىن بايان قىلىنغان ھەقىقىي ھېكايە)

بۇ كىچىك پاتىمە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتۈرۈپلا قۇرئان كۇرسىغا كەلگەنىدى. ئانىسى ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى سۆزلىدى. مەن ئىسمىنى تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىسمىنى سورىغىنىمدا: ئىسمىم پاتىمە، دېدى ئۇ ناھايىتى جانلىق بىر ھالدا. ۋە: ناۋادا سىلەر مېنى قارى قىلمايدىغان بولساڭلار ئىسمىمنى يازغۇزمايمەن. خۇددى تەھدىد سالغاندەك ئۇرغۇدا سۆز قىلىشى ئۇنى ئەسلى يېشىدىن تېخىمۇ چوڭ كۆرسىتەتتى. مەنمۇ:

 كىچىك خانىم قىز قورقماڭ، سىزلا خالىسىڭىز سىزنى ھەم قارى قىلىمىز، ھەم قارىلارنى يېتىشتۇرىدىغان ئۇستاز قىلىمىز، دېدىم. بۇنى ئاڭلاپ قىزنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى.

ئانىسى: ئى ئۇستاز خانىم، سىز رەنجىپ قالماڭ: مەن پەقەت قۇرئان يادلايمەن، قارى بولىمەن، دېگەندىن باشقا بىر نەرسە دېمەيدۇ. بىزنىڭ يېزىدىكى موللامدىن : قارى بولغانلارغا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بىلەن تاج كىيىدۈرىدىكەن، دېگەن ھەدىسنى ئاڭلاپتۇ. بۇ ھەقتە سىز تېخىمۇ كۆپ بىلىسىز. بىز بولساق بىر سەھرالىق. بىز پەقەت مۇشۇنچىلىكلا بىلىمىز- دەڭا. بۇ بولسا بىر بالا.

ۋاي خان ئاچا!، نېمە دېگىنىڭىز بۇ، ھەممە ئادەم سىزلەردەك ئاڭلىغان، بىلگەن توغرا بىلىملەرگە ئەمەل قىلالىسا ئىدى، قانچلىك ياخشى بولغان بولاتتى. سىز خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ قىزىڭىز ئاللاھتىن قالسا بىزگە ئامانەت. بۇ ئايال سۈيمەك ئۈچۈن قولۇمغا ئېسىلدى. مەن خىجىل بولۇپ قولۇمنى تارتىۋالدىم ۋە ئۇنىڭ قولىنى سۈيدۈم.  ئۇ ئايالنىڭ كۆزلىرىگە ياش تولدى.ئۇستاز خانىم : بۇ قوللار گۇناھكاردۇر، بۇ كۆزلەر گۇناھكاردۇر. ئەسلىدە سىزلەرنىڭ قوللىرىڭىزلار سۈيۈلۈشىكە لايىقتۇر.

-ھەرگىز ئۇنداق دېمەڭ، كىمنىڭ ھەقىقىي ھۆرمەتكە لايىق بولىدىغانلىقى ئاخىرەتتە مەلۇم بولىدۇ، دېدىم مەن.

ئارىدىن ۋاقىت ئۆتكەنچە پاتىمە ناھايىتى ئەدەپلىك بىر قىز ئىكەنلىكى بىلەن  ھەمىمىزگە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشقا باشلىدى. بەكلا غەيرەتلىك، ئىچى كۈچلۈك ئىدى. بەزى كېچىلىرى ئۇخلاۋېتىپمۇ ئايەتلەرنى ئوقۇپ كېتەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا كېلىپ مەندىن سوئاللار سورايتتى.  بىر كۈنى ئۇ:

-ئى ئۇستاز! قارى بولۇش ئۈچۈن قۇرئاننى پۈتۈنلەي  يادلاپ تۈگۈتىش كېرەكمۇ؟  دەپ سورىدى. مەن: -ئەلۋەتتە شۇنداق، ھەممىسىنى يادا ئالىسىز، قارى نامىنى ئالىسىز، دېدىم. بۇ جاۋابىمدىن كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغاندەك كۆرۈندى. بىر نەرسە دېگىسى باردەك قىلاتتى. بىراق، پەقەتلا رەھمەت ئېيىتىپ قايتىپ كەتتى. دەرسلەر ئەسناىسدا مەن قىزلارغا پەقەتلا قۇرئان يادا ئېلىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ، ئۇنى ھاياتقا ئۇيغۇلاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتىم.

بىر كۈنى تالىبە قىزدىن بىرى: ئۇستاز! پاتىمەنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا تاھارىتى بولمىغان ھالدا قۇرئان يادا ئېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى دەپتىمىش، توغرىمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن:

 ماشائاللاھ! بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قۇرئانغا بولغان ھۆرمىتىدىن ھېچ قۇرئانغا تاھارەتسىز يېقىنلاشماسلىقنى تەكىتلەپ كەلگەنمىش، دېدىم. بەرگەن بۇ جاۋاپ قىزلارنى ئىنتايىن سۈيۈندۈردى. قۇرئان كۇرسىدىكى بۇ قىزلار قۇرئان يادا ئېلىۋاتقانلىقى  ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بىر ماقامدا ھېس قىلىشاتتى. مەنمۇ: مەيلى ئۇلاردا بۇ ىل خىل ئىپتىخار تۇيغۇسى بولسۇن، بۇنچىلىك كىچىك ياشلاردا مۇققەدەس بىر يول ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بۇنىڭغا ھەقلىق، دەپ قارايتىم.

بۇ كۈنلەردە پاتىمەنىڭ سالامەتلىكى تۇرۇپ- تۇرۇپ ناچارلىشاتتى. بىر كۈنى دەرسىنى ئىككى قېتىم بېرەلمىدى.بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭدىن : نېمە بولدى، ئاپىڭىزنى سېغىندىڭىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس، ھەم پات- پاتلا ئاغرىپ قالىسىز؟ دېدىم. ئۇ:

مېنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، ھەرگىزمۇ ئاپامنى سېغىنىپ قالغانلىقىمدىن ئەمەس. مەن بۇ يەرنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىمەن. ناۋادا مەن بۇ يەرنى تاشلاپ كېتىپ قالسام ئاللاھقا ئاخىرەتتە ھېساپنى قانداق بېرىمەن، دەپ بەكلا قورقۇۋاتىمەن.  ئاللاھ بۇنىڭ ھېسابىنى سورىماسمۇ مەندىن؟

 مەن ھېچنېمە دېيەلمىدىم. ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى تولىمۇ گۇناھكار ھېس قىلدىم. ئى رەببىم! ئۇنىڭ ئۇ كىچىكىنە دىلىدىكى ئىمانى قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك- ھە! ئۇنىڭغا بولغان قايىلىقىمدىن يۈزلىرىدىن كۆزلىرىمنى ئۈزەلمەي قالدىم.

بىر كۈنى ئۇ خېلىلا ئېغىر ئاغرىپ قالدى. دوختۇرغا ئېلىپ باردۇق. مېنىڭ دوستلىرىمدىن بىرى بولغان دوختۇر خانىم ماڭا: ئەڭ ياخشىسى بۇنى تېزدىن ئائىلىسگە ئېلىپ بېرىڭلار، دېدى. مەن ھەيران بولغان ھالدا: نېمە ئۈچۈن؟ دېدىم. ئۇ: ھەيران قالىسىز، ھەتتا ماڭا ئىشەنمەيسىز. بۇ تالىبە راك كېسىلىكەن، دېدى.  بۇنى ئاڭلاپ بېشىمدىن قايناقسۇ قويۇلغاندەك بولدۇم. قەلبىمدە ئۇنىڭغا قارىتا  ئاللاھتىن بولغان بىر شەپقەت پۈتۈن بەدىنىمگە تارقالغانىدى. دوختۇرخانىدىن چىققاندا پاتىمەگە ھېچنېمە دېمىدىم. ئۇ بولسا نېمە بولغانلىقىنى بىلىدىغاندەك مەندىن ئۇنى بۇنى سوراپ دېققىتىمنى باشقا ياقلارغا بۇرايتتى. ئۇ قۇلىغىمغا ئىگىلىپ تۇرۇپ؛

 ئۇستازىم: ئەزرائىل ئىنسانلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدىغان چاغدا قانداق كۆرۈنۈشتە بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن يىغلاپ تاشلىماسلىق ئۈچۈن ئۆزەمنى بەكلا تەستە تۇتىۋالدىم ۋە:

 ئىنتايىن چىرايلىق سۈرەتتە بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ مۇمىن قۇللىىرىغا شۇنداق، دېدىم. ئۇ تولىمۇ سۈيۈندى. ۋە ئۆزىلا ئاڭلىغاندەك بىر ئاۋازدا: بەلكىم قارى بولالمايمەن، بىراق ئاللاھقا شۈكۈر بىر مۇمىنە قولمەن، دېدى.  مەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى سورىغان سۇئاللارنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم. يەنى قارى بولۇش ئۈچۈن قۇرئاننى تاماملاش كېرەكلىكىنى دېگەندە ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم. دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى بىلەتتىكەن.

ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۈتۈپ ئۇنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۈرۈشقا باشلىدۇق.ئۇنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئاغرىق ئازابىنى تارتېۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇمدى. ئائىلىسى ئالغىلى كەلدى. پاتىمەن يېنىمغا كېلىپ:  ئۇستازىم! ماڭا خاپا بولمىغانسىز- ھە. ناۋادا تىزىملاتقىلى كەلگەندە سىزگە كېسىلىمنى دېگەن بولسام بەلكىم مېنى قوبۇل قىلماس ئىدىڭىز.

ۋاي بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ مەن سىزدىن قانداقمۇ خاپا بولاي، سىزمۇ ھەرگىزمۇ قارىلىقنى پۈتۈرەلمىدىم، دەپ بىئارام بولماڭ، بۇ يولغا كىرگەنلىكىڭىز  ئۈچۈن ئاللاھ سىزنى قارىلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلەردىن يازغاندۇر. ئىنشائلاھ، دېدىم. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خوش بولدىكى بوينۇمغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ، ئۇنداقتا مەن قارىلاردىن سانىلىمەن،شۇنداقمۇ، ئاپا ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ دېدى.

ئى رەببىم! بۇ قانچىلىك دەرىجىدىكى كۈچلۈك ئىشتىياق- ھە! ئەگەر ھېكمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىپ شۇ پاتىمە بىر ساقىيىپ كەتكەن بولسا قانچىلىك ياخشى بىر بەندە بولۇپ چوڭ بولار ئىدى- ھە ،دېگەن خىياللار كەلدى¸ئەقلىمگە.

 مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇنى يىراق بولغان يۇرتىغا ئۇزۇتۇپ قويدۇق. ئارىدىن بىر- ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ كېسىىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغانلىقى خەۋىرىنى ئالدۇق. ئۇ ماڭا بىر خەت ئەۋەتتى،خېتىدە قارىلارغا جەننەتتە كىيدۈرىدىغان تاجنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە قىزىقىۋاتقانلىقىنى ھەتتا چۈشلىرىگە كېىرىۋاتقانلىقىنى يازغان ئىدى.

بىر كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن تېلىفۇن جىرىڭلىدى. قارشىدىكى فاتىمەنىڭ ئانىسى ئىدى. يىغلامسىرىغان بىر ئاۋازدا: ئۇستاز خانىم! پاتىمەنىڭ ئۇزۇتۇپ قويدۇق. قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىپ قويغان بولساڭلار، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مەن يىغلاپ تاشلىدىم. ئانىسى ماڭا تەسەللى بەرگەندەك ئاۋازدا: ئۇ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن   ماڭا جېنىم ئاپا: ئۇستازىمغا دەپ قويۇڭ، ئەزرائىل ئۇنىڭ دېگىنىدىنمۇ چىرايلىق سۈرەتتە ئىكەن¸دېدى.

ئى رەببىم! سېنىڭ كەلامىڭنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوت بولۇپ يانغان ، يولۇڭغا يېپىشقان بىر قۇلۇڭنى سەن ئاخىرقى نەپەسلىرىدە ھېچ يالغۇز تااشلاپ قويارسەنمۇ؟  ئاخىرقى نەپەسلىرىدە ئەزرائىلنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرۈشكە نېسىپ بولغانلار قانچىلىك بەخىتلىك- ھە!

 تەرجىمە قىلىپسۈنغۇچى:  مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ